UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرىچاڭچىلىكەشلىك ئادەتلىرى

چاڭچىلىكەشلىك ئادەتلىرى

جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى چاڭچىلىكەشلىك كۇرسى دېگىنىمىز، ئىلگىرىكى ئۆسمۈرلەر دراما ۋە ئەلنەغمە مەكتەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگونىڭ جېجياڭ يەرلىك تىياتىرلىرىدا بىر يۈرۈش ئادەتلەر بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى چاڭچىلىكەشلىك كۇرسلىرىدىن قېپقالغان. كۇرسانتلارنىڭ چاڭچىلىكەشلىك كۇرسىغا كىرىپ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى تىياتىر پىر ئۇستازى − تاڭ مىڭخۇاڭغا تەزىم قىلىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتىدۇ. باشتا ئۇنىڭ بېشىغا مۇراسىم قالپىقى، ئۇچىسىغا ئەجدىھا سۈرەتلىك شاھلىق تون، پۇتىغا كىچىك قارا ئۆتۈك كىيگەن ھالەتتىكى ياغاچ ئويما ھەيكىلىنى زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، كۈجە كۆيدۈرۈپ شام يېقىپ، رىزىق تىلەيدۇ. تىياتىر ئۆگىتىدىغان ئۇستىسىنىڭ يېتەكلىشىدە، ئۈچ قېتىم تىزلىنىپ، ئۈچ قېتىم سالام بېرىدۇ. ھەربىر قېتىم يېڭى سەھنىگە چىققاندا، تۇنجى مەيدان پەرداز قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ سالام بېرىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇستىسىغا سالام بېرىدۇ. ئۇستىسى يۆلەنچۈكلۈك چوڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ، قىزىقچى رولىنى ئوينايدىغان كۇرسانت بېشىغا پالاق (كونا مەكتەپلەردىكى جازا قورالى) قويۇپ، چوققىسىدىن باشلاپ تەرتىپ بويىچە باش ئۇرىدۇ. ئۇستىسى كىچىك كۇرسانتلارغا سۆز قىلىدۇ، ئارقىدىن بىر تال يېڭى موي قەلەمنى كىنوۋارغا چىلاپ، ھەربىر كۇرسانتنىڭ ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىپقىزىل يۇمىلاق چېكىت چېكىپ قويىدۇ، بۇ «قوشۇما چېكىپ قويۇش» دېيىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇشۇ چېكىش بىلەن ئەقلى ئېچىلىپ، چاڭچىلە ئۆگىنىش ئىدىيىسى مەركەزلىشىپ، ئويۇن ئويناشتا خىجىل بولمايدىغان بولىدىكەن. كۇرسانتلار بۇ ئوقۇتقۇچىنى «باش ئۇستاز» دەپ ئاتايدۇ، باشقا جايغا بېرىپ چاڭچىلە ئۆگەنسە، باشقا ئۇستازلىرىنى پەقەت «ئۆتكۈنچى ئۇستاز» دەپ ئاتايدۇ. ئېيتىشىش بىلەنلا ئورۇندىلىدىغان چاڭچىلىنى ئۆگىنىشتە، ئادەتتە، ئالدى بىلەن «ئايرىم پارچىلار» − مەلۇم بىر رولنىڭ سەھنە تېكىستىنى يادلاش، ئاھاڭنى مەشىق قىلىش، ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېرەك. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە ئويۇن تەييارلايدۇ. ئاساسىي ماھارەت مەشىقى ئەڭ جاپالىق مەشىق ھېسابلىنىدۇ. «سەھنىدىكى بىر مىنۇتلۇق كۆرۈنۈش تۆۋەندىكى ئۈچ يىللىق مەشىقتىن كېلىدۇ» دېگەن گەپ بار. مەسىلەن، چامباشچىلىق ماھارىتىدە، ئەتىگەن سائەت5 تە ئورۇندىن تۇرۇش كېرەك، چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشقا بولمايدۇ، دەرھال موللاق ئېتىپ تىك تۇرۇش، بىر پۇتنى ئالدىغا تۈز چىقىرىپ تىك تۇرۇش، ئىككى پۇتنى كېرىپ تۈز سىزىق ھالىتىگە كەلتۈرۈش، ئۆرۈلۈپ (ئارقىسىغا) موللاق ئېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلىش، ئاچ قورساق ئىككى سائەت مەشىق قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئەتىگەنلىك تاماقنى يېيىش، چۈشتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم مەشىق قىلىش كېرەك. ئاۋاز مەشىقىدە، كۇرسانتلار تامغا، كۈپنىڭ ئېغىزىغا، قۇدۇققا، ئېرىق سۈيىگە، قۇياشقا قاراپ ئۈنىنى قويۇۋېتىپ مەشىق قىلىدۇ، بۇ «ئاۋازنى چېنىقتۇرۇش»، «ئاۋازنى سازلاشتۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر ئاھاڭ مەشىقى قىلىدۇ، بەزىلەر «توخۇ.... ئۆردەك ... غاز ...» لارنىڭ ئاۋازىنى دوراش مەشىقى قىلىدۇ. فىگۇرا مەشقىدە، كۈندۈزى جاپالىق مەشىق قىلغاندىن تاشقىرى، ئاخشىمىمۇ ئاي سايىسى، چىراغ سايىسى چۈشۈرۈپ مەشىق قىلىدۇ. ئايال رولىنى ئالغۇچى ئىككى يوتىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر پارچە قەغەزنى قىسىپ سەھنىدە مېڭىشنى مەشىق قىلىدۇ. قەغەز چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ. كۆز ئىشارىتى مەشىقىدە، بەزىدە ئۇستىسىنىڭ كۆرسەتكۈچ تايىقى ياكى خۇش پۇراقلىق گۈلگە قاراپ مەشىق قىلىدۇ، بەزىدە ئاغزىغا چوكا چىشلەپ جاپالىق مەشىق قىلىدۇ. مەشىقتە قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقلاردىمۇ توختىتىپ قويماسلىق كېرەك. ئۈچ ئاي ئۆگەنگەندىن كېيىن، سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويۇشقا باشلاشنى «سەھنىدە ئويۇن قويۇش» دەپ ئاتايدۇ. بۇ كۈنى ئۇستىسى ئويۇن تەييارلىقلىرىنى تەكشۈرگەندىن باشقا يەنە نۆۋەتچى ئۇستا، كىيىم ئۇستىسى، قالپاق ئۇستىسى ۋە سەھنە ئارقىسى (مۇزىكا گۇرۇپپىسى) خادىملىرىنى كۇرسانتلارغا تونۇشتۇرىدۇ، قالپاق، سەھنە كىيىملىرىنى قانداق ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك سەھنىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ، ئاندىن گىرىم قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، ئاۋۋال قىزىقچىلارنى ياساندۇرۇپ، بىر - بىردىن ئۈلگە كۆرسىتىدۇ. گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۇرسانتلارنى باشلاپ تاڭ مىڭخۇاڭنىڭ ھەيكىلىگە يەنە بىر قېتىم سالام قىلىدۇ. «ئۈچ ئەپكەش يۈك» دېگىنىمىز، تىياتىر جابدۇقلىرىنى قاچىلايدىغان بىرقانچە چوڭ ياغاچ ساندۇقنى كۆرسىتىدۇ. باش ساندۇققا قالپاق ۋە تاڭ مىڭخۇاڭنىڭ ياغاچ ھەيكىلى قاچىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى ساندۇققا سەھنە كىيىملىرى قاچىلىنىدۇ؛ ئۈچىنچى ساندۇققا ئۇچلۇق قالپاق قاسقانلىرى ۋە ئاياغ - ئۆتۈكلەر قاچىلىنىدۇ. دەم ئالغاندا ئايال رولىغا چىقىدىغان ئارتىسلار ئۈچىنچى ئەپكەشنىڭ ساندۇقىغىلا ئولتۇرىدۇ؛ ئەرلەر رولىغا چىقىدىغان ئارتىسلارمۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەپكەشتىكى ساندۇقلارغىلا ئولتۇرىدۇ؛ ھەزىلكەشلەر ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەپكەشتىكى ساندۇقلاردىن باشقا يەنە ياغلىق ساندۇقلىرىدا ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ؛ كىچىك قىزىقچىلار ھەرقانداق ساندۇقتا ئولتۇرسا بولىدۇ. چۈنكى، رىۋايەت قىلىنىشىچە، تاڭ مىڭخۇاڭ كىچىك قىزىقچى رولىغا چىققانىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئورنى يۇقىرى بولىدۇ. چاڭچىلىكەشلىك كۇرسىدىكىلەر باشقا جايغا بېرىپ ئويۇن قويغاندا يولدىن ئادىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدىن بېرىپ تەييارلىق قىلىپ تۇرغۇچىلار ئاچا يول ئېغىزلىرىغا ئازراقتىن كۆك ئوت - چۆپلەرنى قويۇپ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ «كۆك تاشلاش» دېيىلىدۇ. ئورۇن راسلىغاندا، كۇرس مەسئۇلى ۋە ئۇستىلارغا ئالدىن ئېتىبار بەرگەندىن باشقا يەنە كىچىك قىزىقچىلارغىمۇ ئالدىن ئېتىبار بېرىلىدۇ. كۆپچىلىك شۇ تەرتىپ بويىچە ياتىدۇ، ئوتتۇرىغا بېرىپ قىسىلىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سەھنىگە قەدەم باسقاندا يەنىلا كىچىك قىزىقچىلار ئالدىدا چىقىدۇ، كۆپچىلىك ھەممىسى سەھنىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ، يېڭى سەھنىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
چاڭچىلىكەشلىك ئادەتلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki