پۈتۈن قوي زىياپىتى
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
موڭغۇللار سۈت يېمەكلىكلىرىنى ئاق يېمەكلىك دەپ ئاتايدۇ، ئۇ پاك، ئالىي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، گۆش يېمەكلىكلىرىنى قىزىل يېمەكلىك دەپ ئاتايدۇ. ھۆرمەتلىك مېھمانلارنى كۈتكەندە ئالدىدا ئاق يېمەكلىك بېرىدۇ، خۇشاللىق زىياپەتلىرىدە ئالدىدا بىر تاۋاق قېتىق ياكى قايماق قويىدۇ، تۇغقانلىرى يىراق سەپەرگە چىقماقچى بولسا ئاق يېمەكلىك تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەيدۇ، ئوغۇل نەۋرىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە توي مۇراسىملىرىدا چوڭلارمۇ يېڭى سۈت بېرىپ ياخشى تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلىدۇ.
موڭغۇللارنىڭ مېھمان كۈتىدىغان چاي ۋە ناشتىلىقلىرى ئاساسەن سۈت يېمەكلىكلىرى، مېھمان كۈتىدىغان تامىقى گۆش يېمەكلىكلىرى ۋە سۈت ھارىقىدىن ئىبارەت. موڭغۇللار گۆش سېلىپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. موڭغۇللارنىڭ مېھمانغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتە بەلگىلىك قائىدىلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، قوي گۆشى سالغان بولسا، بىر تال تارغاق گۆشىگە تۆت تال قوۋۇرغا گۆشىنى قوشۇپ پىشۇرۇپ مېھماننىڭ ئالدىغا قويىدۇ، ئەگەر كالا گۆشى بولسا، بىر ئۈگە ئومۇرتقا گۆشىگە يېرىم قوۋۇرغا گۆشى ۋە بىر پارچە ياغلىق ئۈچەينى قوشۇپ پىشۇرۇپ مېھماننىڭ ئالدىغا قويىدۇ. قىزىنى ياتلىق قىلىش ئالدىدا ياكى قىزى تويدىن كېيىن ئۆيىگە يوقلاپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا قوينىڭ تۆشىنى سېلىپ يېگۈزىدۇ. قوينىڭ پاچىقى، ئېڭەك گۆشى، بويۇن گۆشلىرىنى ياشلار ۋە بالىلار يەيدۇ.
پۈتۈن قوي گۆشى «شىيۇس» دېيىلىدۇ. ئوبا ۋە ئەۋلىيا - ئەنبىيالارغا سەجدە قىلغاندا، شۇ يىللىق پاقلان ئىشلىتىلىدۇ؛ سوۋغىغا ئىشلەتسە، ئوتتۇراھال قوي ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ؛ زىياپەتتە قوشقار ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
تەنتەنىلىك نەزىر - چىراغ ياكى زىياپەتلەردە، «پۈتۈن قوي گۆشى تەقدىم قىلىش سۆزى» سۆزلىنىدۇ، ئارقىدىن ياشلاردىن بىرى كۈمۈش پىچاق بىلەن پۈتۈن پىشۇرۇلغان قوينىڭ بېشىدىن بىرقانچە پارچە كېسىپ ھۆرمەت بىلەن سورۇندىكى چوڭلارغا تۇتۇپ، ئاسمان، يەر، ئوت مۇئەككەللىرىگە تېۋىنىدۇ. ئارقىدىن قوي بېشىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ؛ پۈتۈن قوي گۆشىنىڭ دۈمبىسىدىن باشلاپ يېرىپ، مەلۇم تەرتىپ بويىچە تۆت چاسا شەكىللىك پارچىلايدۇ. قالغان پارچە - پۇرات گۆشلەرنى شۇ سورۇندىكى بالىلارغا بېرىدۇ، ئەڭ ئاخىردا مېھمانلار داستىخانغا بېقىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.