UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرىزاڭزۇ كىيىمى

زاڭزۇ كىيىمى

جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى زاڭزۇ كىيىمى زاڭزۇ خەلق كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، يېڭى ئۇزۇن، بېلى كەڭ، پېشى چوڭ بولۇش ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى. دېھقانچىلىق رايونلىرى بىلەن چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كىيىملەرنىڭ ماتېرىيالى مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، پاسونى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. پۇلۇ (زاڭزۇ رايونلىرىدا چىقىدىغان يۇڭ توقۇلما) زاڭزۇ چاپىنىنىڭ بىر ماتېرىيالى، ئۇ قولدا توقۇلغان سوكنا رەخت. زاڭزۇ چاپىنىنىڭ سول پېشى چوڭ، ئوڭ پېشى كىچىك بولىدۇ، ئادەتتە ئوڭ پەشنىڭ قولتۇقىغا بىر تال تۈگمە قاداپ قويۇلىدۇ؛ يەنە بەزىلىرى قىزىل ياكى سۇس كۆك، سۇس سۆسۈن رەختلەردىن ئىككى تال بوغقۇچ تىكىپ باغلاپ قويۇلىدۇ. ئەرەنچە زاڭزۇ چاپىنى كەڭ، ئۇزۇن يەڭلىك بولىدۇ، ئايالچىلىرى سەل تارراق بولۇپ، يەڭلىك ۋە يەڭسىز ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئادەتتە ياز كۈنلىرى ياكى ئەمگەك قىلغان چاغلاردا سول يېڭىنىلا ساپىدۇ، ئوڭ يېڭىنى ئارقىدىن مەيدىسىگە تارتىپ، ئوڭ مۈرىسىگە ئارتىۋالىدۇ؛ ھەر ئىككىلا يېڭىنى ساپماي، بېلىگە باغلىۋالسىمۇ بولىدۇ. زاڭزۇ چاپىنى ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىدىن ئۇزۇنراق بولىدۇ، چۈنكى بەلدىن چىگىۋالىدىغان قىزىل ياكى كۆك بەلۋېغى چاپاننى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئاياللار ئادەتتە ئالدىغا بىر پارچە پەرتۇق تارتىۋالىدۇ. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۇزۇن جۇۋا ئاساس قىلىنىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە تاشسىز جۇۋا كىيىدۇ. ئۇزۇن جۇۋا چوڭ، يەڭلىرى كەڭ، بىلەك، مۈرىلىرى ئەركىن - ئازادە كېلىدۇ، كېچىسى بەلۋاغنى يېشىپ يېپىنىپ ئۇخلىغىلى، كۈندۈزى بىر يېڭىنى ياكى ئىككىلا يېڭىنى چىقىرىۋېتىپ بەلگە باغلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ چارۋىچىلارنىڭ مەردانە، خۇشخۇي سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. زاڭزۇ ئاياللىرى چاپىنىنى كۈمۈش، قاشتاش ياكى ھېقىق قاتارلىق ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن زىننەتلەشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەرلەر بەلۋاغلىرىغا دائىم چاقماق، پىچاق، ناسۋال قۇتىسى قاتارلىقلارنى ئېسىۋالىدۇ. بۇ يەردە ئاساسلىق ئىشلىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بەلگىلىك زىننەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. قوڭۇر كۆڭلەك يېشىل قوشۇلغان پۇلۇدىن تىكىلگەن ئۇزۇن كۆڭلەك بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك كىيىم ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە بۇ كۆڭلەكنىڭ گىرۋىكى قاما تېرىسى، كىمخاب قاتارلىقلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ رەڭدار ۋە چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ. زاڭزۇ يىگىتلىرى قوڭۇر كۆڭلەكنى كىيىپ، ھال رەڭ ياكى قېنىق يېشىل تاۋار بەلۋاغنى باغلاپ، بېلىگە كۆركەم كىمخابگۈل نەقىشلىك زاڭزۇ پىچىقىنى ئېسىپ يۈرىدۇ، بېشىغا گۈللۈك تاۋاردىن تاشلانغان تۈلكە تۇماق ياكى زاڭزۇ پاسونىدىكى شىلەپە، پۇتىغا خۇرۇم ئۆتۈك كىيىدۇ، ئۇلار قامەتلىك، ئەركىن كۆرۈنىدۇ. ئەر - ئاياللارنىڭ قوڭۇر كۆڭلەكلىرى ئۇزۇن، تىزىدىن ئاشىدۇ، ئۇزۇن يېڭى ئۇسسۇلغا يارىشىدۇ، ھەقىقەتەن زاڭزۇ خەلقىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
زاڭزۇ كىيىمى | UyghurWiki | UyghurWiki