ھايۋانلارنى ئوۋلاش ۋە مۇكاپات بېرىش
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى بۇيىزۇلار ئارىسىدا ياۋايى ھايۋانلارنى قورشاپ ئوۋلاش، كۆرسەتكەن خىزمىتىگە قاراپ مۇكاپات بېرىش ئادىتى بار.
بىر كىم ياۋا چوشقا ياكى باشقا يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ئىزىنى بايقىسا، ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ زىرائەتلەرگە زىيان سالىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىسا، مەھەللىدىكى ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۆزلۈكىدىن ئوۋچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوۋ ئىتى، قارا مىلتىق، ئۇزۇن نەيزە، نەيزە قاتارلىقلارنى ئېلىپ، كوللېكتىپ تاغقا چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى »ئىزچىلار« ئوۋ ئىتلىرىنى باشلاپ ئىز قوغلاپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئاختۇرىدۇ. مىلتىقى بارلىرى جىلغا ئاغزى، تاغ قىرى ياكى ياۋايى ھايۋانلار دائىم پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان چىغىر يوللارنى توسۇپ تۇرىدۇ. ئاختۇرغۇچىلار ياۋايى ھايۋاننىڭ ئىزىنى بايقىسا، بامبۇك پۇشتەكنى پۈۋلەپ رىتىملىق «جىز - جىز» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدۇ، ئوۋ ئىتلىرى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىزىدىكى پۇراقنى پۇرىغان ھامان ھاۋشىشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئىز ناھايىتى يېڭى بولسا، ياۋايى ھايۋاننىڭ مۇشۇ يېقىن ئەتراپقا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ چاغدا پۇشتەك ئاۋازى ھەم ئۇزۇن، ھەم كۈچلۈك بولىدۇ. ھەرقايسى نۇقتىلاردا ساقلاۋاتقان ئادەملەر بۇ سىگنالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مىلتىقلىرىنى ئوقلاپ، ئوقيالىرىنى تارتىپ تەييارلىنىپ تۇرىدۇ.
ئۈركۈپ كەتكەن ياۋايى ھايۋان كىم ساقلىغان ئېغىزدىن ئۆتسە، شۇ ئوق ئۈزىدۇ؛ دەسلەپكى ئۆتكەلدە ئوق تەگمىسە ياكى جايىغا تەگمىسە، ئىككىنچى ئۆتكەلدىكىلەر داۋاملىق ئاتىدۇ، بۇ ياۋايى ھايۋان تۇتۇلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ياۋايى ھايۋان يىقىلغاندىن كېيىن، ئوۋچىلار مۇبارەكلىشىدۇ ۋە تاغدىن يېنىپ چۈشىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ياۋايى ھايۋان ئۆلگەن نەق مەيدانغا كېلىپ، ئوۋچىلارنىڭ ئۆزى قارىغا ئالغان قىسمىنى مەلۇم قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، كۆپچىلىك ئوق ئورنىنى پەرقلەندۈرۈپ ئايرىپ، كىمنىڭ بىرىنچى پاي ئوقنى تەگكۈزگەنلىكىنى؛ قايسى ئوقنىڭ جان يېرىگە تەگكەنلىكىنى، يەنە كىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئوقنى تەگكۈزۈپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلايدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، كۆرسەتكەن خىزمىتىگە قاراپ لايىقىدا مۇكاپات بەرگىلى بولىدۇ. ئولجىنى كەنتكە ئەكەلگەندىن كېيىن «تاغ ئاتلاپ ئوۋ قىلسىمۇ، كۆرگۈچىنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ» دېگەن ئەنەنىۋى ئادەت بويىچە، ئومۇمەن تاغقا ياۋايى ھايۋان قوغلىغىلى چىققان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە بىر ئۈلۈشتىن ياۋايى ھايۋان گۆشى بۆلۈپ بېرىلىدۇ. قايسى ئائىلىنىڭ ئىتى ياۋايى ھايۋاننى قوغلاپ يەتكەن بولسا، شۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا بىر ئۈلۈش تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. ئىزدەش، ئاختۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن، ياۋايى ھايۋاننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، تولۇقلاپ ئوق ئېتىپ ياۋايى ھايۋاننى ئۆلتۈرگەن ئادەملەر ئىككى ئۈلۈش گۆشكە ئېرىشىدۇ. ھايۋاننىڭ قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىدىن يۈرەك ۋە جىگىرىنى ئوپچە زىياپەتكە ئىشلەتكەندىن باشقا، قالغان ھەممىسى تاغقا چىقىپ ياۋايى ھايۋان قوغلاشقا قاتناشقان ئىتلارغا بېرىلىدۇ.
بۆلۈپ ئېشىپ قالغان گۆش، ئۇستىخان، ئۈچەي - قېرىنلار بىر قازانغا دۈملىنىدۇ، ئومۇمەن تاغقا ياۋايى ھايۋان قوغلاشقا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى زىياپەتكە قاتنىشىدۇ، ئەمما ھاراق ۋە باشقا تاماقلارنى ئۆزى ئېلىپ كېلىدۇ؛ تاغقا چىقالمىغان يۇرتداشلارمۇ زىياپەتكە قاتناشسا بولىدۇ، ئەمما ئۇلارغا گۆش تەقسىم قىلىنمايدۇ.