سىچۇەننىڭ تەختىراۋانى
جۇڭگو كەسىپ ئادەتلىرى
تەختىراۋان قاتناش قورالى سۈپىتىدە ھازىرمۇ نۇرغۇن تاغلىق رايونلاردا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بامبۇك ياپراقچىلىرىدىن توقۇلغان يۇمشاق كارىۋات بولۇپ، ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككى تال بامبۇك خادىغا باغلىنىدۇ. بامبۇك خادىنىڭ ئارقا - ئالدىدىكى ئىككى ئۇچى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر تالدىن قىسقا چېتىق بىلەن چېتىلىدۇ، بۇنىڭدا ئىككى ئادەمنىڭ مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ مېڭىشىغا قۇلايلىق بولىدۇ. يۇمشاق كارىۋاتنىڭ ئالدى تەرىپىگە پۇت قويىدىغان بىر تال بامبۇك خادا قادىلىپ، كەينىگە بىر دانە يۆلەنچۈك ئورنىتىلىدۇ، بەزىلىرىگە يەنە ئاپتاپ ۋە يامغۇردىن ساقلىنىدىغان سايىۋەن ئورنىتىلىدۇ.
تەختىراۋان مەپىدىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، قەدىمكى زاماندا «مۈرە ھارۋىسى» دەپ ئاتىلاتتى. تەختىراۋان ئەسلىدە ھارۋىنىڭ چاقىنى ئېلىۋېتىپ ئۆزگەرتىپ، خان ۋە قېرى - ئاجىز ۋەزىرلەرنى توشۇش ئۈچۈن ياسالغان. بۇ خىل قاتناش قورالى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا بار ئىدى، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ئاقسۆڭەك بايلار تەختىراۋانغا ئولتۇرۇش مودا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدا كېسەل بولۇپ قالغانلاردىن باشقا مەمۇرىي، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئات مىنىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىمە چىقىرىلغان، شۇنىڭ بىلەن تەختىراۋان ئازىيىپ كەتكەن. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، تەختىراۋانغا ئولتۇرىدىغانلار يەنە كۆپىيىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەختىراۋاننى زىننەتلەپ گۈللۈك قىلىپ توي - تۆكۈنلەرگە ئىشلەتكەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، ئەمەلدارلار تەختىراۋاندا ئولتۇرۇپ سۆلەتۋازلىقىنى كۆز - كۆز قىلىشقان.
يېقىنقى زاماندا سىچۇەندە تەختىراۋان (خۇاگەن) پەيدا بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال سەي ئىې قوزغىغان دۆلەتنى قوغداش ئۇرۇشىدىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن. ئۇ چاغدا يارىدار ئەسكەرلەر كۆپىيىپ كېتىپ، نوسولكىلار يېتىشمەي قالغاندا، بەزىلەر شۇ جاينىڭ ئۆزىدىنلا بامبۇكلارنى كېسىپ كېلىپ ۋاقىتلىق نوسولكىلارنى قۇراشتۇرۇپ، جەڭ مەيدانىدا يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلەتكەن. ئۇ پۈتۈنلەي سىلىق بامبۇك خادىلارنى بىر - بىرىگە باغلاپ ياسالغاچقا، «سىلىق بامبۇك تەختىراۋان» دەپ ئاتالغان، كېيىن تەختىراۋانكەشلەر سىلىق بامبۇك تەختىراۋاننى كۆتۈرۈش مەپە كۆتۈرگەندىن ئاسان ئىكەنلىكىنى بايقىغان، تەختىراۋاندا ئولتۇرغۇچىلارمۇ جوغا ئولتۇرغانغا قارىغاندا ئازادە، سالقىنلىق ھېس قىلغان، يەنە كېلىپ تەختىراۋاندا ئولتۇرسا ئەتراپتىكى مەنزىرىنى سەيلە قىلغىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تەختىراۋان سىچۇەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئومۇملىشىپ كەتكەن.
تەختىراۋان كۆتۈرۈشنىڭ قائىدىسى بولىدۇ. ئالدىنى كۆتۈرگىنى كۆرۈش دائىرىسى كەڭ بولۇشى، ئەھۋالنى ئېنىق بىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئارقىدىكىگە يول مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، بۇ «يول كۆرسىتىش» دېيىلىدۇ. ئارقىنى كۆتۈرگىنى دەرھال جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك، بۇ «يولغا ماسلىشىش» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تەدرىجىي بىر يۈرۈش تەختىراۋان ناخشىسى شەكىللەنگەن. مەسىلەن، يولدا پىيادە كېتىۋاتقان ئادەملەر ئۇچرىسا، ئالدىدىكىسى: «ئاسماندا بۇلۇت كۆرۈندى» دەپ ئېيتسا، كەينىدىكىسى جاۋابەن: «يەردە بىر ئادەم» دەپ ئېيتىدۇ. يولدا بىر ئىت ياتقان بولسا، ئالدىدىكىسى: «يەردە بىر تۇتام يۇڭ بايقالدى» دەپ توۋلىسا، كەينىدىكىسى جاۋابەن: «دەسسىۋەتسەك چاتاق بولىدۇ» دەيدۇ. بىر توپ كالا ئۇچرىسا، ئالدىدىكىسى: «كالا - ئاتلار زۇۋان سۈرمەس» دەپ توۋلىسا، كەينىدىكىسى: «دەرھال چەتكە ئۆتەيلى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئايلىنىدىغان چاغدا بىر - بىرىگە خەۋەر بېرىشىپ: «تۆت كوچا ئاستا ئايلىنايلى، ئالدى مىدىرلاپ، ئارقى تىنچ تۇرسۇن» دېيىشىدۇ. كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە: «ئىككى تاش بىر يېرىقنى ئېتىپتۇ»، «ئازگالنى دەسسىمەي كۆۋرۈكتىن ئۆتۈڭ» دېيىشىدۇ. تەختىراۋان ناخشىسى، ھەم قەدەمنى ماسلاشتۇرۇپ، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەم راۋان، قاپىيىداش قىسقا ناخشىلار بولۇپ، يول ئۈستىدىكى ھارغىنلىق ۋە زېرىكىشلىكنى يېنىكلىتىدۇ.