لۇەن جۈيجيې
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
لۇەن جۈيجيې جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا ئاسىيانىڭ قىلىچۋازلىقتىكى تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى. ئۇ1958 - يىلى جياڭسۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە بىر ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا ئوغۇللاردەك دومىلاپ، پومىداقلىشىپ ئويناشقا ئامراق ئىدى، شۇڭا قەيسەرلىك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن.14 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ۋە پەي توپ مەشقىگە قاتناشقان. قەدىمى چەبدەس، كاللىسى سەگەك بولغاچقا، قىلىچۋازلىق ترېنېرىنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشكەن. ئىككىنچى يىلى قىلىچۋازلىق كوماندىسىغا كىرگەن.
قىلىچۋازلىقنى قاتتىق مەشىق قىلىش ئۈچۈن، لۇەن جۈيجيې يۇقىرى ھەرىكەت مىقدارىلىق مەشىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، كۈن بويى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈپ، بەل - پۇتلىرى سىرقىراپ ئاغرىپ كەتسىمۇ «ئوۋبولاڭ» دەپ توۋلاپ (قىلىچۋازلارنىڭ قىلىچ سانجىش ۋاقتىدىكى توۋلاش ئادىتى) ئاۋازلىرى پۈتۈپ كېتەتتى. قارشى تەرەپ سانجىغان قىلىچ يارىسىدىن ئاپئاق بەدىنىنى كۆك داغلار قاپلاپ كەتكەنىدى.
بەش يىل جاپالىق چېنىقىش ئارقىسىدا، لۇەن جۈيجيې تەدرىجىي ھالدا بىر يۈرۈش قەدىمىي قىلىچۋازلىق ئېقىمىغا ماسلاشقان، كۆركەم قىياپەت، ئىنچىكە ماھارەتنى ۋە ھازىرقى زامان قىلىچۋازلىقىدىكى چاقماقتەك ھۇجۇم قىلىش تېخنىكىسى ۋە تاكتىكىسىنى يېتىلدۈرۈپ چىققان. ئۇ مەردانە قەدەملەر بىلەن دۇنيا قىلىچۋازلىق سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان.1979 - يىلى ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن29 - نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار قىلىچۋازلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە20 ياشلىق لۇەن چۈيجى سول بىلىكى قىلىچتىن زەخىملەنگەن ئەھۋالدا، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئاخىر ئاياللارنىڭ يەڭگىل قىلىچ مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان،1981 - يىلى دۇنيا قىلىچۋازلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر نۆۋەت ئىككىنچى بولغان.1984 - يىلى23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ، ئاياللار يەڭگىل قىلىچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ، قىلىچۋازلىقتا دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيا ماھىرى بولۇپ قالغان. كىشىلەر ئۇنىڭغا «جاھاندىكى بىرىنچى قىلىچۋاز» دەپ نام بەرگەن.