ۋۇ جۇەنيۈ
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
1953 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ياشلار دوستلۇق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە ۋۇ جۇەنيۈ بىر مىنۇت سەككىز سېكۇنت تۆت دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن100 مېتىرغا ئوڭدىسىغا ئۈزۈشتە چېمىپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ، جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىدۇر.
ۋۇ جۇەنيۈ1928 - يىلى ھىندۇنېزىيىدىكى مۇھاجىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. چوڭ بولغاندىن كېيىن، دۇكاندا ئىشلىگەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا دائىم شۇ جايدىكى جۇڭخۇا سۇ ئۈزۈش ئۇيۇشمىسىدا سۇ ئۈزۈش مەشقى قىلغان. ئۇ كاللا ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، سۇ ئۈزۈش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگەن. مۇھاجىرلار تەشكىللىگەن ئۇ بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ھىندۇنېزىيە سۇ ئۈزۈش سەھنىسىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان گوللاندىيە ماھىرىنى مەغلۇپ قىلغان.1951
- يىلى ۋۇ جۇەنيۈ بىر قىسىم ھىندۇنېزىيىلىك ياشلار بىلەن ھىندۇنېزىيە ياشلار ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، تەكلىپ بىلەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. ۋەتەننىڭ جۇشقۇنلۇققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىلىرىدىن تەسىرلىنىپ ۋەتەندە قېپقالغان.1952 - يىلى ۋۇ جۇەنيۈ جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ15 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.1953 - يىلى ۋەتەنگە تۇنجى قېتىم خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى ئېلىپ بەرگەن.1954
- يىل10 - ئاينىڭ29 - كۈنى ۋېنگرىيىگە قىلغان سەپىرىدە، ۋۇ جۇەنيۈ ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان. ئۇ26 ياشتا ئىدى.