UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىنەيزىۋازلىق

نەيزىۋازلىق

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى نەيزە ئاتما نەيزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. نەيزىنى ئىشلىتىش ئەپلىك، ئۆزگىرىشلىرى كۆپ بولغاچقا، خېلى كۆپ قوراللار بىلەن قارشىلاشقىلى بولىدۇ. شۇڭا، «قوراللار پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. نەيزىنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى چوڭ نەيزە، نەقىشلىق نەيزە، ئىككى باشلىق نەيزە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەم ئۆرە تۇرۇپ بىلەكنى تىك كۆتۈرگەن ئېگىزلىكتە بولۇپ، نەيزە بېشى موكىسىمان پولاتتىن ياسىلىدۇ. نەيزە ماھارىتىدە توسۇش، تارتىش ئاساسلىق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. توسۇش ۋە تارتىش «نەيزە يۆگەش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مۇداپىئە ئۇسۇلىدۇر. نەيزىۋازلىقتا نەيزىنى تېز، كۈچلۈك، توغرا ھەرىكەتلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. نەيزە سانجىش نەيزىۋازلىقتىكى ھۇجۇم ماھارىتى بولۇپ، سانجىغاندا نەيزە تۈز تۇتىلىدۇ، نەيزە ئۇچى تۈز سانجىلىپ، تۈز تارتىلىدۇ، شۇڭا چامباشلىقتا «نەيزە سانجىش سىزىق تارتىش دېمەكتۇر» دېگەن تەمسىل بار. نەيزىۋازلىقتا يەنە چېكىش، ئايلاندۇرۇپ سانجىش، ئىلىش، يانغا ئۇرۇش، سىيرىش قاتارلىق ماھارەتلەرمۇ بولۇپ، ھۇجۇم قىلىش، چېكىنىشكە ئەپلىك، قاتتىقلىق بىلەن ئەۋرىشىملىك ئۆزئارا ماسلاشقان ۋە كۆركەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
نەيزىۋازلىق | UyghurWiki | UyghurWiki