خۇاڭ جىخۇڭ
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
1989 - يىلى9 - ئايدا ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە خۇاڭ جىخۇڭ73 .20 مېتىرلىق ئەلا نەتىجە بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار چويۇن توپ تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالغان. بۇ، جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا ئاسىيانىڭ تۇنجى يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا چېمپىيونلۇقىدۇر.
خۇاڭ جىخۇڭ جېجياڭنىڭ لەنشى ناھىيىسىدىن بولۇپ، كىچىكىدىنلا بېجىرىم چوڭ بولغان. ئۇ ئادەتتىكى قىزلاردىن خېلىلا كۈچلۈك ئىدى، ئەمما دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن دەسلەپكى نەچچە يىلدا ترېنېرلارنىڭ كۆپ قېتىم ئالمىشىشى، پۇتى زەخىملىنىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى تۈپەيلى تازا ئىلگىرىلىيەلمىگەن.1983 - يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەر يىلى بىر مېتىردىن دېگۈدەك يۇقىرى ئۆرلىگەن.1985 - يىلى18 مېتىرلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۇنجى قېتىم چوڭلارنىڭ چېمپىيونلۇق تەختىگە چىققان.1986 - يىلى مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە يەنە89 .18 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغان. شۇ يىلى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا يەنە بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ20 مېتىرلىق،21 مېتىرلىق ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى28 .21 مېتىرغا يەتكۈزگەن.1989 - يىلى خۇاڭ جىخۇڭ دۇنيا زال ئىچى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە ئىككى ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال ئالغان.