ۋاڭ جۈنشيا
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى، «ما ئائىلىسى قوشۇنى» نىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى ۋاڭ جۈنشيا1994 - يىلى1 - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ مۇكاپاتى − ئوۋېنىس مۇكاپاتىنى ئالدى. ئۇ ئوۋېنىس مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان بۇ شەرەپكە ئىگە بولغان تۇنجى ئاسىيالىقتۇر.
ئامېرىكىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن داڭلىق يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى جېسسى ئوۋېنىسنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئوۋېنىس مۇكاپاتى، ھەر يىلى خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن شۇ يىلى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان بىر تەنھەرىكەتچىگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ۋاڭ جۈنشيا1992 - يىلى دۇنيا ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار1000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغان.1993 - يىلى يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار10000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە ۋە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئاياللار مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. ئۇ1993 - يىلى9 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا3000 مېتىرغا،10000 مېتىرغا يۈگۈرۈش ۋە مارافونچە يۈگۈرۈش تۈرلىرىدە چېمپىيون بولغان ھەمدە29 مىنۇت31 سېكۇنت8 .7 دەقىقىلىق ھەيران قالارلىق نەتىجە بىلەن10000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى42 سېكۇنت قىسقارتقان.3000 مېتىرغا يۈرۈگۈرۈشنىڭ دۇنيا رېكورتىنى16 سېكۇنتتىن ئارتۇق (سەككىز مىنۇت06 سېكۇنت1 .1 دەقىقە) قىسقارتقان، يەنە ئاياللار مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە شۇ يىلدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتقان.
كانادالىق فىزىئولوگ، بىئومېخانىكا دوكتورى يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا رېكورتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا،1987 - يىلى،2000 - يىلىدىكى يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا رېكورتىنى، ئۇنىڭدىكى ئاياللار3000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە سەككىز مىنۇت11 سېكۇنت8 .9 دەقىقە، ئاياللار10000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە29 مىنۇت38 سېكۇنت1 .4 دەقىقە دەپ مۆلچەرلىگەن. بۇ ئىككى تۈردىكى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن نەتىجىنى ۋاڭ جۈنشيا يەتتە يىل بالدۇر ئورۇندىغان، يەنى ۋاڭ جۈنشيا ئاللىقاچان كېيىنكى ئەسىرنىڭ رېكورتىنى يارىتىپ بولغان دېگەنلىكتۇر. ئۇ ئوۋېنىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە تامامەن ھەقلىق.