UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىجۇ لىڭمېي

جۇ لىڭمېي

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى جۇڭگو ۋېلىسىپىت دۆلىتى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمما1990 - يىل9 - ئاينىڭ27 - كۈنىدىن ئىلگىرى ھېچكىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان ئەمەس. شۇ كۈنى بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن11 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ۋېلىسىپىت چېپىش تۈرى بويىچە بىر كىلومېتىرلىق ۋاقىت ھېسابلاش مۇسابىقىسىدە22 ياشلىق جياڭسۇلۇق قىز جۇ لىڭمېي بىر مىنۇت13 سېكۇنت99 .8 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان. جۇ لىڭمېي جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھەرلىك رۇگاۋ ئاشلىق - پاختىچىلىق مەيدانىدىكى بىر ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. جۇ لىڭمېينىڭ بالا ۋاقتىدا دادىسى تۈگەپ كەتكەن. بەختسىزلىك بىلەن نامراتلىق ئۇنىڭ جاپاغا چىداش ۋە تىرىشىش روھىنى ئۇرغۇتقان.16 ياشتا قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشتىن ۋېلىسىپىت مەشقىگە ئالمىشىپ،1986 - يىلى داڭلىق ترېنېر خۇاڭ تاڭلىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەخسۇس مەيدان مۇسابىقە ۋېلىسپىتى مەشقىگە كىرىشكەن. ئىككىنچى يىلى7 - ئايدا، شەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە بىر كىلومېتىرلىق ۋاقىت ھېسابلاش مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئەمما مەيدان ۋە رېپىرلارنىڭ دەرىجىسى خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتمەسلىك سەۋەبىدىن ئېتىراپ قىلىنماي قالغان. ئىككى ئايدىن كېيىن، ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا، قاتتىق سىناقتىن ئۆتكەن تېخنىكىسى ئارقىلىق يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
جۇ لىڭمېي | UyghurWiki | UyghurWiki