UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىنى ۋېيپىڭ

نى ۋېيپىڭ

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى 1985 - يىلىدىن1987 - يىلىغىچە بولغان ئۈچ نۆۋەتلىك جۇڭگو - ياپونىيە قورشاۋ قاتار مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو تەرەپنىڭ كوزىرى نى ۋېيپىڭ يالغۇز ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ياپونىيىنىڭ توققۇز داڭلىق ماھىرىنى ئارقىمۇئارقا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى قورشاۋ قاتار دۆلىتىنىڭ ماھىرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇڭا، ئۇ جۇڭگو قورشاۋ قاتار تارىخىدىكى ئەزىمەت دەپ ئاتالغان.1988 - يىلى جۇڭگو قورشاۋ قاتار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «قورشاۋ قاتار پىرى» دەپ نام بېرىلگەن. نى ۋېيپىڭ1952 - يىلى بېيجىڭدىكى بىر قورشاۋ قاتار ھەۋەسكارلىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا - ئانىسى ۋە بوۋا - مومىلىرىنىڭ ھەممىسى قورشاۋ قاتار ھەۋەسكارلىرى ئىدى. نى ۋېيپىڭنىڭ ئاچىسى نى شەنشەن، ئۇكىسى نى جىبۇلار كىچىكىدىنلا قورشاۋ قاتار ئۆگەنگەن بولۇپ، بېيجىڭ ئۆسمۈرلەر قورشاۋ قاتار مۇسابىقىسىدە «نى ئائىلىسىنىڭ ئۈچ كىچىك ماھىرى» دەپ ئاتالغان، نى ۋېيپىڭ13 يېشىدىلا مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر چېمپىيونى بولغان،1973 - يىلى جۇڭگو قورشاۋ قاتار مەشىق كوماندىسىغا كىرگەن.1975 - يىلى3 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.1976 - يىلى ئۇ جۇڭگو قورشاۋ قاتار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، ياپونىيىدىكى زىيارەت مۇسابىقىسىدە تىڭزې شيۇخاڭ، يەنتيەن دامىڭ، شىتيەن خاڭخو قاتارلىق9 - دەرىجىلىك ماھىرلار بىلەن ئويناپ، يەتتە مەيداندا ئالتە مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان يېڭىپ، ياپونىيە قورشاۋ قاتار ساھەسىنى، ئاخبارات ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، «قۇيۇن» نامىغا ئېرىشكەن.1975 - يىلىدىن1989 - يىلىغىچە نى ۋېيپىڭ بەش قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيون، ئالتە قېتىم «يېڭى تەنتەربىيە لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە چېمپىيون، ئۈچ قېتىم ئون كۈچلۈكلەر ئېلىشىشىدا چېمپىيون بولغان.1979 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىشتىن سىرتقى قورشاۋ قاتار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.1981 - يىلى9 - دەرىجىنى ئالغان. ئۇ1987 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك فۇشىتۇڭ لوڭقىسىنى تالىشىش دۇنيا كەسپىي قورشاۋ قاتار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولغان.1988 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك يىڭشى لوڭقىسىنى تالىشىش دۇنيا كەسپىي قورشاۋ قاتار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
نى ۋېيپىڭ | UyghurWiki | UyghurWiki