UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىجۇ جيەنخۇا

جۇ جيەنخۇا

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى دۇنيا ئەرلەر ئېگىزگە سەكرەش تارىخىدا ئۇدا ئۈچ قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغانلاردىن پەقەت ئۈچ ئادەم بار. بىرى،60 - يىللاردىكى ئامېرىكىلىق توماس، يەنە بىرى،70 - يىللاردىكى ئامېرىكىلىق ستونسى، ئۈچىنچىسى،80 - يىللاردىكى جۇڭگولۇق جۇ جيەنخۇادۇر. جۇ جيەنخۇا1963 - يىل شاڭخەيدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ3 - يىللىقىغا چىقىشتىن بۇرۇن، بىرقانچە قېتىم تىكتاك توپ ئوينىغاندىن باشقا، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىنتايىن ئاز قاتناشقان، ئەمما رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ترېنېرى خۇ خۇڭفېي ئۇنىڭ ئورۇق، ئېگىز بەدىنىگە ۋە ئۇزۇن، ئىنچىكە پۇتلىرىغا قاراپ، ئۇنى ئېگىزگە سەكرەش ساھەسىگە باشلاپ كىرگەن. خۇ ترېنېر ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، شياۋجۇنى ئەنئەنىۋى ئېغىر، مەشىقلەرگە ئىنتايىن ئاز سېلىپ، پاقىچىلاپ سەكرەش، ئېگىزگە قول تەككۈزۈش، رېزىنكە ئاتلاشتەك40 خىلغا يېقىن خىلمۇخىل مەشىقلەرگە سالغان.1981 - يىلى18 ياشلىق جۇجيەنخۇا ئاسىيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە30 .2 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىسى نى جىچىن11 يىلدىن ئوشۇق ساقلاپ كەلگەن ئاسىيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.1982 - يىلى6 - ئايدا ئۇ يەنە31 .2 مېتىر ئېگىزلىكتىن سەكرەپ ئۆتكەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن نەتىجىسى ئۇچقاندەك ئۆرلىگەن. شۇ يىلدىكى9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاسىيا رېكورتىنى33 .2 مېتىرغا كۆتۈرگەن.1983 - يىل6 - ئاينىڭ11 - كۈنى5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا تەييارلىق مۇسابىقىسىدە جۇ جيەنخۇا37 .2 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن دېموكراتىك گېرمانىيە تەنھەرىكەتچىسى ئويشىگ ساقلاپ كېلىۋاتقان36 .2 مېتىرلىق دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ، جىن فېڭدۇڭ، نى جىچىنلاردىن كېيىنكى دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان ئۈچىنچى تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇ جيەنخۇا38 .2 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، يەنە دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان.1984 - يىلى6 - ئايدا فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ ئېربېستات شەھىرىدە جۇ جيەنخۇا يەنە39 .2 مېتىرلىق ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئۈچىنچى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
جۇ جيەنخۇا | UyghurWiki | UyghurWiki