جى جىڭ
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
تا بۈگۈنگىچە جۇڭگو ئاياللار قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە ھېچكىم ئۇنىڭغا رەقىب بولالمىدى.
جى جىڭ1944 - يىلى تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجۇ ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1966 - يىلى5 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە94 .5 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن يىراققا سەكرەش چېمپىيونى بولۇپ، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان.1968 - يىلى19 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا80 مېتىرغا باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشتە مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق بولۇپ قالغان.1970 - يىلى6 -،7 - ئاي ئارىلىقىدا ئالتە قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان ۋە تەڭلەشكەن؛100 ياردقا يۈگۈرۈشتە10 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان؛220 ياردقا يۈگۈرۈشتە22 سېكۇنت ئالتە دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان؛100 مېتىر يۈگۈرۈشتە11 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن؛200 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە22 سېكۇنت تۆت دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن، دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان؛100 مېتىرغا باريېردىن ئاتلاپ يۈگۈرۈشتە12 سېكۇنت سەككىز دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىغا تەڭلەشكەن. ئۇ ساقلاپ كېلىۋاتقان100 مېتىرغا (ئېلېكترونلۇق ۋاقىت ھېسابلاشتا ھېسابلانغان ۋاقتى11 سېكۇنت2 .2 دەقىقە) ۋە200 مېتىر (ئېلېكترونلۇق ۋاقىت ھېسابلاشتا22 سېكۇنت2 .6 دەقىقە ھېسابلانغان) يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ ئاسىيا رېكورتىنى تا بۈگۈنگىچە ھېچكىم بۇزالمايۋاتىدۇ.1973
- يىلى جى جىڭ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى ھۈنەر - سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.1974 - يىلىدىن1975 - يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ رېيتلان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ترېنېرى، قوشۇمچە ئاياللار تەنتەربىيە كافېدراسىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆتىگەن.1976 - يىلىدىن كېيىن تەيۋەنگە قايتىپ، يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتىدە ئىشلىمەكتە