UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىشۈي خەيفېڭ

شۈي خەيفېڭ

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى جۇڭگو1928 - يىلى9 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقاندىن بۇيان، زادىلا ئالتۇن مېدال ئېلىپ باقمىغانىدى.1984 - يىلىغا كەلگەندىلا23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا شۈي خەيفېڭ566 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن ئەرلەرنىڭ ئۆزى تاللىۋالغان تاپانچىدا60 پايلىق ئاستا ئېتىش تۈرى بويىچە چېمپىيون بولدى. شۇ ئارقىلىق جۇڭگو ئۈچۈن تۇنجى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «نۆل» ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۈي خەيفېڭ ئەسلىدە ئەنخۇيدىكى بىر يېزىلىق تەمىنات - سودا كوپىراتىپىنىڭ مال ساتقۇچىسى بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە مەكتەپنىڭ داڭلىق «رەگەتكە پىرى» ئىدى، رەگەتكىسىنى قولىدىن چۈشۈرمەيتتى، مەشىق قىلىپ، ئوقنى زايە كەتكۈزمەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگەنىدى.1979 - يىلى ئۇ ناھىيىلىك قارىغا ئېتىش كوماندىسىغا قاتنىشىپ، ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چېمپىيون بولغان ھەمدە كۆپ قېتىم ئۆلكە رېكورتىنى يېڭىلىغان.1982 - يىلى11 - ئايدا25 ياشلىق شۈي خەيفېڭ ئۆلكىلىك قارىغا ئېتىش كوماندىسىغا كىرگەن. كوماندىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ قارىغا ئېتىش نىشانىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ كەتكەن، نەتىجىسىمۇ تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىگەن.1983 - يىلى3 - ئايدىكى شەرقىي جۇڭگو رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،587 ھالقىلىق ئەلا نەتىجە بىلەن583 ھالقىلىق مەملىكەتلىك رېكورتنى يېڭىلىغان ھەمدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرغان.1984 - يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى بولغاندىن كېيىن،1986 - يىلى ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، يالغۇز ئۆزى جۇڭگو ئۈچۈن تۆت ئالتۇن مېدال ئالغان ھەمدە بىر تۈردە دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
شۈي خەيفېڭ | UyghurWiki | UyghurWiki