UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىقىلىچۋازلىق

قىلىچۋازلىق

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى قىلىچ چامباشلىق قوراللىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىلى بولۇپ،18 خىل قورال ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. قىلىچنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇزۇن دەستىلىك ئادەتتىكى قىلىچ، ئۇزۇن دەستىلىك چوڭ قىلىچ، قىسقا قىلىچ، قوش قىلىچ، يەنە ئالاھىدە شەكىلدىكى قىلىچلارمۇ بار. مەسىلەن، ئۈچ ئۇچلۇق ئىككى بىسلىق قىلىچ، مۈڭگۈزسىمان قوش قىلىچ دېگەندەك. قىلىچنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇنىڭ مەشىقلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەزمۇنى ئىنتايىن مول، ئومۇمەن بىر خىل مۇشتۋازلىققا بىر خىل قىلىچۋازلىق توغرا كېلىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن تەيجى قىلىچى، ليۇخې قىلىچى، مېيخۇا قىلىچى، جۇيفېڭ قىلىچى قاتارلىقلار بار. ھەر خىل قىلىچۋازلىقلاردىكى ماھارەت، ئۇسلۇبلار ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممىسى كەسكىن، كۈچلۈك، شىددەتلىك، چاققان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. چامباشلىقتا «قىلىچ خۇددى يولۋاستۇر» دېگەن تەمسىل بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
قىلىچۋازلىق | UyghurWiki | UyghurWiki