UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىتەيجى مۇشتۋازلىقى

تەيجى مۇشتۋازلىقى

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى تەيجى مۇشتۋازلىقى چامباشلىقتىكى ئاساسىي مۇشتلىشىش خىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇرۇن «ئۇزۇن مۇشتۋازلىق»، «يۇمشاق مۇشتۋازلىق» دەپ ئاتالغان.18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەنشىلىك خەلق چامباش ۋاڭ زۇڭيۆ قەدىمكى زاماندىكى مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر تەيجى پەلسەپىۋى قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ مۇشتۋازلىقنى چۈشەندۈرۈپ، «تەيجى مۇشتۋازلىقى نەزەرىيىسى»نى يېزىپ چىققان. بۇ خىل مۇشتۋازلىق شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەيجى مۇشتۋازلىقى دەپ ئاتالغان. تەيجى مۇشتۋازلىقى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا، بىرمۇنچە مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئاساسلىقى چىن، ياڭ، ۋۇ، سۇن، ۋۇ ئۇسلۇبلىرىدۇر. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن ئاددىيلاشتۇرۇلغان تەيجى مۇشتۋازلىقى،88 لىك تەيجى مۇشتۋازلىقى ۋە48 لىك تەيجى مۇشتۋازلىقلىرى يېڭىدىن تۈزۈلدى. تەيجى مۇشتۋازلىقىنىڭ ئېقىملىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇسلۇب ۋە تېخنىكا تەلىپى ئاساسەن بىردەك بولۇپ، كۆڭۈل تىنچىپ، پىكىر يىغىلغان، نەپەس ئېلىش تەبىئىي، ھەرىكەت ئەۋرىشىم ھەم ئاستا، جانلىقلىقى مۇكەممەل، بىمالال ۋە تەمكىن، راست - يالغىنى ئېنىق بولىدۇ. تەيجى مۇشتۋازلىقى بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە چامباشلىق قىممىتىگە ئىگە. تىنچىش بىلەن ھەرىكەتنى تىزگىنلەش، يۇمشاقلىق بىلەن قاتتىقلىقنى يىمىرىش، قارشى تەرەپنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ كۈچ كۆرسىتىشتەك ھۇجۇم ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ، «ئاز كۈچەپ، كۆپ نەپ ئېلىش» مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. تەيجى مۇشتۋازلىقىنىڭ پرىنسىپلىرى چامباشلىق، ئەركىن مۇشتلىشىش شەكلىدىكى تەيجى قول ئىتتىرىشىشىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى