UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىلىن لى

لىن لى

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى 1991 - يىلى1 - ئايدا ئاۋسترالىيىنىڭ پېرت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە21 ياشلىق جياڭسۇلۇق قىز لىن لى ئاياللارنىڭ200 مېتىرغا ئارىلاش ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئۈچۈن تۇنجى سۇ ئۈزۈش دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى كەسپىي كوماندىدا مەشىق قىلىۋاتقان چاغلىرىدا لىن لىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولماي، ھەمىشە شاللىنىپ قېلىش خەۋپىدە تۇراتتى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، داڭلىق ترېنېر جاڭ شيۇڭ لىن لىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈكلۈكىنى بايقايدۇ - دە، ئۇنى ئېلىپ قېلىپ داۋاملىق مەشىققە سالىدۇ ھەمدە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاخىرىدا لىن لىنى دۇنياغا داڭقى كەتكەن جۇڭگو سۇ ئۈزۈش سەھنىسىدىكى «بەش ئالتۇن گۈل» نىڭ بىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.1991 - يىلى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، لىن لى200 مېتىرلىق ۋە400 مېتىرلىق يەككىلەر ئارىلاشما سۇ ئۈزۈش تۈرىدە ئارقا - ئارقىدىن ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەنە1992 - يىلى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا،200 مېتىرغا ئارىلاشما ئۈزۈش تۈرىدە ئالتۇن مېدال،400 مېتىرغا ئارىلاشما ئۈزۈشتە ۋە200 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈشتە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئاياللارنىڭ200 مېتىرغا ئارىلاشما ئۈزۈش تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
لىن لى | UyghurWiki | UyghurWiki