UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىلاڭ پىڭ

لاڭ پىڭ

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى لاڭ پىڭ80 - يىللاردىكى دۇنيا ئاياللار ۋالىبولىدىكى ئۈچ چوڭ توپكا ئۇرغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، «تۆمۈر مۇشت» دەپ نام ئالغان. دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ شان - شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە كۆپ قېتىم شەخسىي مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئۇدا ئالتە يىل مەملىكەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇ1960 - يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا مەكتەپ قىزلار كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى بولغان.14 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىرگەن،16 يېشىدا بېيجىڭ ياشلار كوماندىسىغا يۆتكەلگەن.1978 - يىلى18 ياشقا تولمىغان لاڭ پىڭ دۆلەتلىك كوماندىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ھەمدە ئاساسلىق كۈچ سۈپىتىدە مانگودا ئۆتكۈزۈلگەن8 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، باش كۆتۈرۈپ چىققان.1979 - يىلى12 - ئايدا شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن2 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ئاياللار ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئۇ قاتتىق توپكا ئۇرۇپ ياپونىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئىسىنى قالايمىقان قىلىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ قىتئەلەر ئارا مۇسابىقىدىن يۇقىرى مۇسابىقىلەردە ئىككى قېتىم «ئۇدا ئۈچ چېمپىيون» لۇق نامىغا ئېرىشكەن ياپونىيە ئاياللار كوماندىسىنى تۇنجى قېتىم يېڭىشى ئۈچۈن، چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن.1981 - يىلى11 - ئايدا لاڭ پىڭ ۋە ئۇنىڭ كوماندىداشلىرى يەتتە مەيداننىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇپ،3 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۆزى مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.1982 - يىلى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى9 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. لاڭ پىڭ گېزىت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى دېگەن باھاسىغا ئېرىشكەن.1983 - يىلىنىڭ بېشىدا، سۈن جىڭفاڭ، ساۋ خۇييىڭ قاتارلىق كونا ئەزالار سەپتىن چېكىنىپ، ئۇ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى1984 - يىلى لوس - ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يەنە چېمپىيونلۇق تەختىگە چىقىپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئىنتىزار بولغان «ئۇدا ئۈچ چېمپىيون بولۇش» ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. لاڭ پىڭنى خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسى ئورگان مەتبۇئاتى «ۋالىبول» ژۇرنىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى، ئەڭ مۇنەۋۋەر توپكىچى دەپ باھالىغان ھەمدە غايىلىكلەر سېپىگە تاللىغان. لوس - ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم كونا تەنھەرىكەتچىلەر سەپتىن چېكىنىپ، لاڭ پىڭ كوماندا مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان.1985 - يىلى4 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، لاڭ پىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ۋە مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى