ئۇزۇن مۇشتۋازلىق
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
ئۇزۇن مۇشتۋازلىق چامباشلىقتىكى ئاساسلىق مۇشتلىشىش خىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قول چىقىرىش ياكى پۇت ئېتىشتا پۇت، قولنى ئۇزارتىپ، يىراقتىن ئۇرۇش خاسلىقىغا ئىگە. بەزىدە مۇشت چىقارغاندا بەلنى تولغاش بىلەن قولتۇقنى ئېچىشنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇرۇش نۇقتىسىنى ئۇزارتىپ، «بىر سۇڭ ئۇزارتسا، بىر سۇڭ كۈچىيەر» دېگەن ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇرۇن چاچۇەن، خۇاچۇەن، باۋچۇەن، خۇڭچۇەن مۇشتۋازلىقلىرىنى ئۇزۇن مۇشتۋازلىققا كىرگۈزۈۋالغانلار، تەيجىچۇەننى ئۇزۇن مۇشتۋازلىق دەپ ئاتىغانلارمۇ بولغان.1949 - يىلىدىن كېيىن بىرنەچچە خىل مۇشتۋازلىق ئۇسلۇبىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ھازىرقى زامان ئۇزۇن مۇشتۋازلىقىنىڭ يۈرۈشلۈك ھەرىكىتى ھاسىل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى سەكرەش، رىتىمى ۋە كۈچ نۇقتىسى ئېنىق، قول چىقىرىشى تېز بولۇش.
ھازىرقى زامان ئۇزۇن مۇشتۋازلىق مۇسابىقىسىدە، بەلگىلەنگەن يۈرۈشلۈك يول سانى ۋە ئۆزى تاللىۋالغان يۈرۈشلۈك يول سانىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈر بەلگىلەنگەن. يۈرۈشلۈك يول سانى تۈرىگە قاتناشقان ماھىرلار بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرىكەتلەرنى ئورۇندايدۇ. ئۆزى تاللىۋالغان يۈرۈشلۈك يول سانى تۈرىدە ھەرىكەتلەرنىڭ يولىنى ماھىرلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭدا چوقۇم ئۈچ خىل قول تىپى، بەش خىل قەدەم تىپى ۋە باشقا بىر قىسىم مۇۋازىنەت، سەكرەش ھەرىكەتلىرى بولۇشى لازىم.