ياڭ ۋىنيى
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
1988 - يىل4 - ئاينىڭ11 - كۈنى3 - نۆۋەتلىك ئاسىيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىسى ياڭ ۋېنيى24 سېكۇنت8 .9 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن رومىنىيە تەنھەرىكەتچىسى كوستاكېي ساقلاپ كېلىۋاتقان25 سېكۇنت8 .2 دەقىقىلىق ئاياللارنىڭ50 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۇ ئېلىمىز، شۇنداقلا ئاسىيا ئايال تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم سۇ ئۈزۈش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىشىدۇر.
ياڭ ۋېنيى1972 - يىلى شاڭخەيدە تۇغۇلغان. بالىلار باغچىسىدىكى ۋاقتىدىلا ترېنېرنىڭ نەزىرى چۈشۈپ، ئۇنى تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىرگۈزۈپ قويغان.1985 - يىلى شاڭخەي شەھەرلىك كوماندىسىغا، ئىككىنچى يىلى دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن.1987 - يىلى مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق سۇ ئۈزۈش A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە بىر مىنۇت4 .0 سېكۇنت3 .7 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن100 مېتىرغا ئوڭدىچە ئۈزۈشتە مەملىكەتلىك رېكورتنى بۇزغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان.