UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىلى لىڭۋېي

لى لىڭۋېي

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى 1983 - يىلى لى لىڭۋېي ئاۋۋال دۇنيا پەي توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار يەككە ئوينىشىدا چېمپىيون، ئاندىن كېيىن خەن ئەيپىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئاياللار جۈپ ئويناش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. يىل ئاخىرىدا دۇنيا پەي توپ چاتما مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يەككە تۈر بويىچە چېمپىيون بولۇپ، دۇنيا پەي توپ ساھەسىدە «پەي توپ خانىشى»، «پەي توپ ئايال پادىشاھى» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. ئۇ1964 - يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۇي شەھىرىدە تۇغۇلغان،11 ياشقا كىرگەن يىلى ئۆلكىلىك پەي توپ كوماندىسىغا تاللىنىپ مەشىققە كىرىشىپ، پەي توپ تەنھەرىكەتچىسى بولۇش ھاياتىنى باشلىغان.1980 - يىلى مەملىكەتلىك پەي توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ياش - ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپىيون بولغان. يەنە باشقا بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ چوڭلار گۇرۇپپىسىنىڭ جۈپ ئويناش تۈرى بويىچە چېمپىيون بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي،16 ياشلىق لى لىڭۋېي دۆلەتلىك كوماندىغا تاللانغان ھەمدە تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، خەلقئارا پەي توپ ساھەسىدە كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان.1983 - يىلى ئۇدا بىرنەچچە رەت دۇنيا چېمپىيونى بولغاندىن كېيىن، خەلقئارا پەي توپ بىرلەشمىسى لى لىڭۋېينى كۆپ قېتىم دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايال يەككە ئويناش ماھىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئۇ1984 - يىلى ئەنگلىيە پەي توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا پەي توپ چاتما مۇسابىقىسىدە ئاياللار يەككە ئويناش چېمپىيونى ھەمدە يۇبېر لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى ئالغاندىن كېيىن، دۇنيا پەي توپ تارىخىدا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى، ئەنگلىيە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنياۋى مۇكاپات مۇسابىقىسى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېداللىرىنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى ئاياللار پەي توپ يەككە ئويناش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالغان.1987 - يىلى يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، لى لىڭۋېي خەلقئارا مۇسابىقىلەردە جەمئىي36 دانە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن، تۆت قېتىم مەملىكەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.1984 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ35 يىلدىن بۇيانقى ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ باھالانغان.1989 - يىلى11 - ئايدا يەنە مەملىكەتلىك پەي توپ ساھەسىدە «ئون مۇنەۋۋەر» نىڭ بىرى بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى