شې جۈن
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
1991 - يىلى10 - ئايدا21 ياشلىق جۇڭگولۇق قىز شې جۈن فىلىپپىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا شاھمات ئاياللار دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گروزىيىلىك چىبىردانېنى يېڭىپ دۇنيا شاھمات خانىشىلىق ئورنىنى ئىگىلەپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شاھماتچىلىرىنىڭ ئاياللار خەلقئارا شاھمات چېمپىيونلۇقىنى مونوپول قىلىۋېلىشىدەك تارىخقا خاتىمە بەردى.
شې جۈن بېيجىڭدىكى بىر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى، غەلىبە قىلمىغۇچە بولدى قىلمايتتى. ئۇ شەھەر بويىچە ئۆسمۈرلەر ئىچىدە جۇڭگوچە شاھمات چېمپىيونى بولغان. ئون يېشىدا خەلقئارا شاھماتنى مەشىق قىلىشقا ئۆتۈپ، داڭلىق ئۇستىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەتىجىسى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.1988 - يىلى دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن.28 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئېلىمىزنىڭ تۆتىنچى بولۇشىغا زور تۆھپە قوشقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ماھىر نامىغا ئېرىشكەن. كېيىنكى يىلى29 - نۆۋەتلىك كوللېكتىپ مۇسابىقىدە مەملىكەتلىك چېمپىيون سالاھىيىتى بىلەن بىرىنچى ئۈستەلدە ئويناپ، توققۇز مەيدان يېڭىپ، تۆت مەيدان تەڭ بولۇپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈچىنچى ئورۇنغا چىقارغان.1991 - يىلى دۇنيا چېمپىيونى بولغان.1993 - يىلى خەلقئارا شاھمات ئاياللار دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە5 .8 تە5 .2 نومۇرلۇق ئاز كۆرۈلىدىغان نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇق تالاشقۇچىنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان ھەمدە ئاسىيادا ئەرلەرنىڭ خەلقئارا ئالاھىدە ماھىر نامىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئايال شاھماتچى بولۇپ قالغان.