خۇ رۇڭخۇا
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
1960 - يىلىدىن1988 - يىلىغىچە بولغان20 نەچچە يىل ئىچىدە، خۇ رۇڭخۇا ئىزچىل جۇڭگوچە شاھمات چېمپىيونى بولۇپ كەلدى. ئۇ بۈگۈنگىچە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان جۇڭگوچە شاھمات تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، «ھارۋا، ئات، توپ پىرى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.
ئۇ1945 - يىلى شاڭخەيدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپلا جۇڭگوچە شاھماتقا مەپتۇن بولۇپ، تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ئون يېشىدا شاھمات ئۇستىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۆگىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلغان. ئۇ «ياڭجۇدىكى ئۈچ شەمشەر»نىڭ بىرى بولغان رۇ گوجۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا، رۇ ئۇستازنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇسىغا ئۇدۇل كېلىپ قالىدۇ - دە، ئۇستازنى ئويغاتقۇسى كەلمەي، ئىشىكنىڭ كەينىدە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت شەپە چىقارماي ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن رۇ ئۇستاز قائىدىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر تاختا ئويۇن ئوينايدۇ.12 ياش ۋاقتىدا خۇ رۇڭخۇا شاڭخەيدىكى داڭلىق شاھماتچى يۈ داچېڭنى ئۇستاز تۇتىدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن شاڭخەي شەھەرلىك جۇڭگوچە شاھمات كوماندىسىغا كىرىدۇ، دۆلەت ماھىرى خې شۈنئەن ئۇنى شاگىرتلىققا ئالىدۇ.1960 - يىلى5 - ئايدىن باشلاپ باش كۆتۈرۈپ، شاڭخەي شەھەرلىك شاھمات تۈرلىرى مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى؛6 - ئايدا خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بەش ئۆلكە − شەھەرنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون؛10 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك جۇڭگوچە شاھمات يەككىلەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ15 ياشتا ئىدى.1979 - يىلىغا كەلگەندە، خۇ رۇڭخۇا جەمئىي ئون قېتىم ئارقا - ئارقىدىن مەملىكەتلىك چېمپىيون بولۇپ، جۇڭگو شاھمات ساھەسىدە «ئۇدا ئون چېمپىيون» نامىغا ئېرىشىدۇ.1983 - يىلىدىن كېيىن، يەنە ئىككى قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيون بولىدۇ.1981 - يىلىدىن1988 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جۇڭگوچە شاھمات چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى − «ۋۇياڭ لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ نامى بەش قېتىم ئالدىغا تىزىلىدۇ.1984 - يىلى «يەتتە يۇلتۇز» لوڭقىسى جۇڭگوچە شاھمات خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولىدۇ. ئۇ يەنە1980 - يىلىدىن1988 - يىلىغىچە بولغان بەش نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسى جۇڭگوچە شاھمات مۇسابىقىسىنىڭ كوللېكتىپ چېمپىيونى بولغان جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىدۇر.1988 - يىلى ئۇ يەنە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگوچە شاھمات پادىشاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.
ئۇ «تاختىغا قارىماي ئايلانما مۇسابىقە ئويناش» قا قادىرلىقى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا8 −12 گىچە بولغان ئادەم بىلەن ئويۇنغا چۈشەلەيدۇ. ئۇ1982 - يىلى جۇڭگوچە شاھمات ئالاھىدە ماھىرى نامىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى تارقاتقان تەنتەربىيە ھەرىكىتى شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن.1988 - يىلى جۇڭگوچە شاھمات خەلقئارالىق ئالاھىدە ماھىر نامىغا ئېرىشكەن.