جەنۇب مۇشتۋازلىقى
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
جەنۇب مۇشتۋازلىقى چامباشلىقتىكى ئاساسلىق مۇشتلىشىش خىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جەنۇبىي جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئومۇملاشقان بولغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان. جەنۇب مۇشتۋازلىقى قەدىمى پۇختا، مۇشتى قاتتىق، قىياپىتى ھەيۋەت بولۇش، ئاز سەكرەش، قىسقا مۇشتنى كۆپ ئېتىش، ھۇجۇم قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇزارتما مۇشتۋازلىق (شىمال مۇشتۋازلىقى)تىن پەرقلىنىدۇ، شۇڭا «جەنۇبنىڭ مۇشتى، شىمالنىڭ پەشۋاسى» دېگەن گەپ بار.
جەنۇب مۇشتۋازلىقىنىڭ مەزھەپلىرى كۆپ بولۇپ، گۇاڭدۇڭدىلا خۇڭ جەمەتى مۇشتۋازلىقى قاتارلىق بەش چوڭ مۇشتۋازلىقنىڭ نەچچە يۈز خىل يۈرۈشلۈك يولى بار. جەنۇب مۇشتۋازلىقىدا كۈچكە ئېتىبار بېرىلىدۇ؛ قول ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ھەر ۋاقىت «بىر قەدەمدە قول ھەرىكىتىنى نەچچە ئۆزگەرتىش» بىلەن قارشى تەرەپنى مۇداپىئە قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.