UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىلى نىڭ

لى نىڭ

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى 1982 - يىلى «دۇنيا لوڭقىسى» گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە لى نىڭ بىر ئۆزى يالاڭ تورنىك، ئەركىن گىمناستىكا، ياغاچ ئاتتىن سەكرەش، ھالقىلىق ئات، ئاسما ھالقا ۋە ئومۇمىي ماھارەتتىن ئىبارەت ئالتە تۈردە چېمپىيون بولۇپ،«دۇنيا لوڭقىسى» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيانقى تۇنجى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەرلەر گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالغان ھەمدە «گىمناستىكا شاھزادىسى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن.1984 - يىلى لوس - ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لى نىڭ يەنە ئالتە مېدال ئېلىپ (ئۈچ ئالتۇن، ئىككى كۈمۈش، بىر مىس مېدال)، ئېلىمىزنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەڭ كۆپ مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالغان. ئۇ ئىجاد قىلغان «ئاسما ھالقىغا ئوڭ ئېسىلىپ، دۈمبىچىلەپ ساڭگىلاپ ئالدىغا ئۇچۇپ چىقىپ، ئۇلاپلا تىك بۇلۇڭ ھالىتىدە تايىنىپ تۇرۇش» ۋە «جۈپ تورنىكتا چوڭ ئايلىنىپ بەدەننى180 گرادۇس بۇراپ، قول بىلەن تىك تۇرۇش» ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. لى نىڭ گۇاڭشى ليۇجۇلۇق.1963 - يىلى بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مۇزىكانت بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ موللاق ئېتىشقا، بېشىچىلاپ تىكلىنىشكە، تەنتەربىيىگە بەكلا ئامراق ئىدى. سەككىز ياش ۋاقتىدا لى نىڭ گۇاڭشى گىمناستىكا كوماندىسىغا تاللىنىپ تەربىيىلىنىدۇ. ترېنېرنىڭ قاتتىق تەلىپى ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ئارقىسىدا تىرىشىپ جاپالىق مەشىق قىلىپ، ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەيدۇ. ئون يېشىدا مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر گىمناستىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئەركىن گىمناستىكىدا چېمپىيون ۋە قوش تورنىكتا تۆتىنچى بولىدۇ.1977 - يىلى مەملىكەتلىك گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە ئەركىن گىمناستىكىدا ئىككىنچى بولىدۇ.1980 - يىلى مەملىكەتلىك گىمناستىكا رايونلار مۇسابىقىسىدە (چېڭدۇ) ھالقىلىق ئاتتا چېمپىيون، مەملىكەتلىك گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئومۇمىي ماھارەتتە ئۈچىنچى بولىدۇ. لى نىڭ كۆرسەتكەن قالتىس ماھارىتى بىلەن يىل ئاخىرىدا مەملىكەتلىك گىمناستىكا كوماندىسىغا تاللىنىدۇ. بۇ يەردە ئۇ تەدرىجىي ھالدا تېخنىكىسى ئەتراپلىق، بەدەن سۈپىتى ياخشى، كۈچلۈك، ھەرىكىتى يەڭگىل، تەبىئىي، تۇراقلىق، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان تەنھەرىكەتچى بولۇپ يېتىلىپ چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى