UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىچېن جىڭكەي

چېن جىڭكەي

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى چېن جىڭكەي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ توققۇز قېتىم ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ، جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدە بىرىنچى قەدەمنى باسقان. ئۇ1935 - يىلى گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭۋەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان (ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەر ماكانى). كىچىك ۋاقتىدا، چوڭلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ تاش شتانكىنى كۆتۈرۈپ، تاش قۇلۇپنى ئىرغىتىپ ئويناشقا ئامراق ئىدى.16 ياشقا كىرگەندە ئۇستاز تۇتۇپ، چامباشلىق ۋە ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى ئۆگەنگەن.1954 - يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى جەنۇبىي جۇڭگو ھەربىي رايونىنىڭ تەنتەربىيە كوماندىسىغا تاللىنىپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مۇنتىزىم مەشىق قىلغان. كېيىن دۆلەتلىك ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىق كوماندىسىغا كىرگەن.1956 - يىل6 - ئاينىڭ7 - كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو - سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش دوستلۇق مۇسابىقىسىدە133 كىلوگراملىق نەتىجە بىلەن56 كىلوگرام دەرىجىلىكلەر (ئەڭ يېنىك ئېغىرلىق دەرىجىسى)نىڭ تىك كۆتۈرۈش تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان تۇنجى تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالغان. شۇ يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم بۇ تۈردىكى دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.1957 - يىلى چېن جىڭكەي3 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ياشلار دوستلۇق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ56 كىلوگرام دەرىجىلىكلەرنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بەل ئاغرىقى قوزغىلىپ، مۈرە بوغۇمى زەخىملەنگەنىدى. مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كۆتۈرۈش تۈگىمەيلا، ئاللىبۇرۇن دۆلەت بايراقلىرىنىڭ ئورنىنى توغرىلاپ قويغان، جۇڭگونىڭ بەش يۇلتۇزلۇق بايرىقى ئىككىنچى ئورۇندا ئىدى. چېن جىڭكەي بۇنى كۆرۈپ قاتتىق جۇدۇنى تۇتۇپ، ئاخىرقى بىر قېتىملىق كۆتۈرۈشتە، قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، قەيسىرانە ئىرادە بىلەن5 .139 كىلوگراملىق شتانكىنى دەس كۆتۈرۈپ، تۆتىنچى قېتىم56 كىلوگراملىق دەرىجىلىكلەرنىڭ تىك كۆتۈرۈش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىككىنچى يىلى لېيپزىگتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسابىقىدە ئۇ يەنە بىر قېتىم بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.1959 - يىلىدىن1964 - يىلىغىچە ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم60 كىلوگرام دەرىجىلىكلەرنىڭ تىك كۆتۈرۈش تۈرى بويىچە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تارىخىدا تا بۈگۈنگىچە دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان قېتىمى ئەڭ كۆپ تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغان. چېن جىڭكەي1956 - يىلى تەنھەرىكەت ماھىرى نامىغا ئېرىشكەن.1959 - يىلىدىن باشلاپ دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى تارقاتقان تەنتەربىيە ھەرىكىتى شەرەپ مېدالغا بەش قېتىم ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى