رۇڭ گوتۇەن
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
رۇڭ گوتۇەن1959 - يىلى25 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ يەككە ئوينىشى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، جۇڭگونىڭ تۇنجى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەزىمىتى بولۇپ قالدى.
ئۇ1937 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭشەن ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۆسمۈرلۈك مەزگىللىرىنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزگەن، كىچىكىدىنلا تىكتاك توپنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، تېخنىكىسىمۇ تېز ئۆسكەن.1956 - يىلى رۇڭ گوتۇەن شياڭگاڭغا زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە تىكتاك توپ كوماندىسى بىلەن ئېلىشىپ، يېقىندىلا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن23 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يەككە ئويناش چېمپىيونى دىسۇن يىجىلاڭنى مەغلۇپ قىلىپ، شياڭگاڭنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىگە قايتىپ كېلىپ،1958 - يىلى گۇاڭدۇڭ تىكتاك توپ كوماندىسىغا قاتناشقان ھەمدە تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن نامىغا ئېرىشكەن.
رۇڭ گوتۇەن تۈز پالاقتا تېز ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى، توپ يوللىرى كەڭ، ئۆزگىرىشلىرى كۆپ ئىدى، بولۇپمۇ توپ باشلاشقا پىشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئىتتىرىش، تارتىش، كېسىش، سىيرىش ۋە ئوڭ - سولدىن ھۇجۇم قىلىش تېخنىكىلىرى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. ئۇ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى ئېلىشقا قەسەم قىلغانىدى.1959 - يىلى رۇڭ گوتۇەن25 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەرلەرنىڭ يەككە ئويناش چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئارقىدىنلا ئۇ ئاساسلىق ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن26 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم سۋايتلىڭ لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زور تۆھپە قوشتى. ۋەتەننىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا1959 -،1960 - يىلى ئىككى قېتىم تەنتەربىيە ھەرىكىتى شەرەپ مېدالى بەردى.
رۇڭ گوتۇەننىڭ: «كىشىلىك ھاياتتا قانچە قېتىم ئېلىشىش پۇرسىتى بولماقچى؟» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. ئۇ ئۆزىگە ئەنە شۇنداق تەلەپ قويۇپلا قالماي،1963 - يىلى جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسىغا تۇنجى ترېنېر بولغاندىمۇ، ئۆز ئەزالىرىغا ئوخشاشلا تەلەپچان بولغان. ئاياللار كوماندىسىنىڭ كوربىللون لوڭقىسىنى بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇر قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ توي ئىشلىرىنى كېچىكتۈرۈپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى قۇربان قىلغان. ئۇنىڭ قاتتىق مەشىقلەندۈرۈشى بىلەن جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى ئاخىر28 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە دۇنيا چېمپىيونلۇق ئورنىغا چىققان. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ1968 - يىلى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتكەن.