تاياقۋازلىق
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
تاياق يەنە كالتەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ھەر خىل ئۇزۇن قوراللارنىڭ ئاساسىدۇر.
تاياق تۈرلىرى بويىچە چوڭ تاياق، تەكشى تاياق، ئۈچ بۆلەكلىك تاياق، ئۇچسىمان تاياقلارغا بۆلۈنىدۇ. مەزھەپلەر بويىچە شياۋلىن تايىقى، چىڭتيەن تايىقى، بازى تايىقى، زىۋبي تايىقى، جاڭجيا تايىقى، تېڭشې تايىقى، شەرقىي دېڭىز چېگرا شەھەرلىرى تايىقى دېگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. تۈرلۈك مەزھەپلەرنىڭ تاياق ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما تېخنىكا ئۇسۇلى كۆپىنچە تۈرتۈش، يېرىش، تەگكۈزۈش، شىلتىش، سىيرىش، نوقۇش، قوچۇش، توسۇشلارنى ئاساس قىلىدۇ. تېز، كۈچلۈك بولۇش تاياقۋازلىقنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، كۈچ تاياق ئۇچىغا مەركەزلىشىدۇ. يۈرۈشلۈك مەشىقلەردە سەكرەش چاققان بولۇش، بەدەن بىلەن تاياقنى ماسلاشتۇرۇش، قولدىكى تاياقنى گاھ يىراققا، گاھ قىسقا ئارىلىققا تۈرتۈش، دەم چەمبەرسىمان ئوينىتىش، دەم تۈز تۈرتۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. تاياق ئالدىغا چېپىش، يەر سىپاش، يايسىمان ئايلاندۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن يىنىشلىنىدىغان بولغاچقا، زەربە بېرىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولىدۇ، شۇڭا «تاياق ئۇرۇلسا، سۆرەر بىر پاتمان» دېگەن گەپ بار.