UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىرۇڭ جىخاڭ

رۇڭ جىخاڭ

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى جۇڭگو پۇتبولىنىڭ ئاسىيادىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلىنىش سەپىرىدە رۇڭ جىخاڭ جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇپ، «دۆلەت ماھىرى» نامىغا ئىگە بولغان. ئۇ1948 - يىلى جۇڭگودىن ھىندىستانغا بارىدىغان چەت ئەل پاراخوتىدا تۇغۇلغان. بوي تارتىدىغان مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ئۈچ يىللىق ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق مەزگىلىگە دۇچ كېلىپ، قورساق باقمىقى تەس بولغان.1964 - يىلى يازدا گۇاڭجۇ ئىشچىلار كوماندىسى ئەزا قوبۇل قىلغاندا.16 ياشلىق رۇڭ جىخاڭ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىمتىھان بەرگەن. نەتىجىدە، بەدىنىنىڭ ئاجىز، پۇتىنىڭ چاققان ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ترېنېرلار نەچچە رەت تالاش - تارتىش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى كوماندىدا قالدۇرۇپ ۋاقىتلىق ئىشلىتىپ كۆرمەكچى بولغان. ئىشچىلار كوماندىسىنىڭ ياخشى مەشىق شارائىتى ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ئۇنىڭ كۈنسېرى ئىلگىرىلەپ تۆھپە كۆرسىتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.1971 - يىلى5 - ئايدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى زىيارەتكە كەلگەن كۇبا دۆلەت كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. رۇڭ جىخاڭ تەكلىپكە بىنائەن ئوتتۇرا مەيداننىڭ يادروسى بولۇپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى تەرتىپسىز سەپلىك گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ،1 ∶2 نەتىجە بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىدۇ. مۇسابىقىدە رۇڭ جىخاڭ ئۆزى بىر توپ كىرگۈزىدۇ، سەپدىشىنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشىگە ھەمكارلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدە مۇقىم تاللىنىش ئورنىغا ئېرىشىدۇ.1980 - يىلىنىڭ بېشىدا رۇڭ جىخاڭ شياڭگاڭدىكى «خېسۈي لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە يەنە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ،3 ∶3 نەتىجە بىلەن فېدىراتىپ گېرمانىيىنىڭ چېمپىيون كوماندىسى − ھامبۇرگ كوماندىسى بىلەن تەڭ چىقىدۇ. رۇڭ جىخاڭنىڭ نامى بىردىنلا پۈتۈن ئۆلكىگە پۇر كېتىدۇ. كېيىن12 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش تەييارلىق مۇسابىقىسىدە32 ياشلىق رۇڭ جىخاڭ دۆلەت ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم جەڭگە ئاتلىنىپ، ئاسىيا چوڭ مۇسابىقە رايونى تۆتىنچى گۇرۇپپىسىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىسى» بولۇپ باھالىنىدۇ.1979 -،1980 - ۋە1981 - يىلى ئۇ ئۇدا ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ. پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئىچىدە تا بۈگۈنگىچە باشقا بىر ئادەم بۇنداق شەرەپكە ئېرىشىپ باقمىغانىدى. تېخىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى، ئۇنىڭ ئېسىل تەنتەربىيە ئەخلاق - پەزىلىتىدۇر. ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى تاتۇق بېسىپ كەتكەنىدى، ئەمما ئۇ تېپىك يېيىشكە، يارىلىنىشقا ئەزەلدىن پەرۋا قىلمايتتى، پەقەت ئۆچ ئالمايتتى، سەمىمىي، ئەپۇچان ئىدى. مۇسابىقە ئىستىلىدا «جىخاڭ ئۇسلۇبى» دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى تەنتەربىيە ساھەسىدىن ھالقىپ كەتكەنىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
رۇڭ جىخاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki