چېن شاۋشيا
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
چېن شاۋشيا1978 - يىلىدىن1981 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم خەلقئارا سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، «سۇغا سەكرەش ئايال پادىشاھى» دەپ ئاتالغان.
ئۇ1962 - يىلى گۇاڭجۇدا تۇغۇلۇپ،12 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، تۆت يىلدىن كېيىن دۆلەتلىك كوماندىغا كىرگەن. سۇغا سەكرەش غەيرەت ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان تۈر بولۇپ، كىمكى دۇنيا سۇغا سەكرەش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىلەن ھەرىكەتنى ئورۇنداش سۈپىتى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك. كەينىگە بىر يېرىم موللاق ئېتىپ، بەدەننى ئۈچ يېرىم ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتنى خەلقئارا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسى قىيىنلىقى يۇقىرى ھەرىكەتلەر جەدۋىلىنىڭ ئالدىغا تىزغان بولۇپ، چېن شاۋشيا بۇ ھەرىكەتنىڭ مەشقىنى باشلىۋەتكەنىدى.1978
- يىلى چېن شاۋشيا تۇنجى قېتىم خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،8 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاياللار پەشتاقتىن سۇغا سەكرەش تۈرىدە چېمپىيون بولغان.1979 - يىلى ئۇ جۇڭگو كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن دۇنيا چېمپىيونى كارېنىنانى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.1981 - يىلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئامېرىكا، مېكسىكا، كانادالارنىڭ كۈچلۈك ماھىرلىرى بىلەن ئېلىشىپ، «چاچراتماي سۇغا كىرىش» تەك ماھارىتى بىلەن ئاياللارنىڭ پەشتاقتىن سۇغا سەكرەش دۇنيا چېمپىيونلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالغان.
چېڭ شاۋشيادەك بىر تۈركۈم داڭلىق ماھىرلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن، جۇڭگونىڭ سۇغا سەكرەش ھەرىكىتى دۇنيا سەۋىيىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە باشلىغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنىلى «سۇ ئۈزۈش دۇنياسى» دا ئۇدا ئىككى يىل «دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى» دەپ باھالانغان، ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان