خې جۇچياڭ
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
1986 - يىلى5 - ئايدىن1989 - يىلىغىچە خې جۇچياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش قېتىم52 كىلوگرام دەرىجىلىكلەرنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈچ تۈرىدىكى دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەمدە ئىككى قېتىم مۇشۇ دەرىجىلىكلەرنىڭ تىك كۆتۈرۈش دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
خې جۇچياڭ1967 - يىلى گۇاڭدۇڭ جۇشەندىكى بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇرمۇش غورىگىل بولغاچقا، كىچىكىدىنلا ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. جاپالىق تۇرمۇش ئۇنىڭدا جاپا - مۇشەققەتكە چىداش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەن.1980 - يىلى نەنخەي ناھىيىلىك ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ترېنېرى13 ياشلىق خې جۇچياڭنى تاللىۋالغان، تۆت يىلدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسىغا تاللانغان. تۇغما شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، خې جۇچياڭ ئۆلكىلىك كوماندىغا ئۈچ كىرىپ ئۈچ چىققان.1983 - يىلى يەنە قايتۇرۇۋېتىدىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان ترېنېرنى ئىزدەپ تېپىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ قەسەم بېرىپ: »مەن ئۆلسەممۇ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش سۇپىسىدا ئۆلىمەن« دېگەن. ترېنېر تەسىرلىنىپ ئۇنى ئېلىپ قالغان. خې جۇچاڭ بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، بېرىلىپ جاپالىق مەشىق قىلىپ، ھەمىشە كۆز يېشى ۋە قان - تەرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ بوغۇملىرىنى بېسىپ، سىقىش كۈچىنى ئاشۇرغان. ئۇ ئادەتتىكى ئادەملەردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاران دېگەندە ئۆلكىلىك كوماندىدا پۇت دەسسەپ تۇرالىغان. ئادەتتىن تاشقىرى تاۋلىنىش ئارقىسىدا، ئۇ بىرقانچە يىللىق قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئادەتتىن تاشقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. مەملىكەتلىك رېكورت، مەملىكەتلىك چېمىپيون، ئاسىيا رېكورتى، ئاسىيا چېمپىيونى، دۇنيا رېكورتى، دۇنيا چېمپىيونلۇقىدەك بىر قاتار شەرەپلىك ھالقىلارغا خې جۇچياڭنىڭ ئىسمى يېزىلغان. ئۇ1987 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۇنيا بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر»، ئاسىيا بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر»، مەملىكەت بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر» تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان.