جېڭ فېڭرۇڭ
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
1957 - يىل11 - ئاينىڭ17 - كۈنى20 ياشلىق جۇڭگو ئاياللار ئېگىزگە سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى جېڭ فېڭرۇڭ77 .1 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى ساقلاپ كېلىۋاتقان76 .1 مېتىرلىق ئېگىزگە سەكرەش دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلاپ، يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان تۇنجى جۇڭگولۇق بولۇپ قالدى.
جېڭ فېڭرۇڭ16 يېشىدىن باشلاپ ئېگىزگە سەكرەش مەشقىگە كىرىشكەن، نەتىجىسىمۇ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى، ئەمما قەتئىي تەۋرەنمەس روھى ئۇنى شاڭخەي تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگۈزدى. كېيىن يەنە بېيجىڭ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ، داڭلىق يېنىك ئاتلېتىكا ترېنېرى خۇاڭ خەننىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشتى.1954 - يىلى ئۇ45 .1 مېتىر ئىگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئەينى چاغدىكى مەملىكەتلىك رېكورتنى ياراتتى.1956
- يىلى جېڭ فېڭرۇڭ63 .1 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن مەملىكەتلىك يېڭى رېكورتنى ياراتتى.1957 - يىلى8 - ئايدا جېڭ فېڭرۇڭ فېدېراتىپ گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە72 .1 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، يەنە مەملىكەتلىك رېكورتنى يېڭىلىدى ھەمدە كۈچلۈك ماھىرلارغا تولغان ئېلىشىشتا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.10 - ئايدىن11 - ئايغىچە ئۇنىڭ نەتىجىسى تىك سىزىق بويىچە ئۆرلەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم مەملىكەتلىك رېكورتنى يېڭىلاپ، ئاخىرىدا77 .1 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.