لى يەن
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
1988 - يىلى2 - ئايدا كانادانىڭ كالگاريدا ئۆتكۈزۈلگەن15 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە جۇڭگو ماھىرى لى يەن ئاياللارنىڭ قىسقا يۈگۈرۈش يولىدا1000 مېتىرغا تېز تېيىلىش تۈرى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرىنى ياڭراتقان.
لى يەن ئېلىمىزنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ماكانى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان.12 يېشىدا ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مەكتىپىدە مۇنتىزىم مەشىق قىلغان. بىرقانچە يىلدىن كېيىن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، مۇدەنجياڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە كوماندىسىغا تاللانغان.1984 - يىلى بىر قېتىملىق كېلىشمەسلىك ئۇنىڭ تەنھەرىكەت ھاياتىنى نابۇت قىلغىلى تاس قالغان. بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇ ئەمدىلا ئايلانمىدىن تېيىلىپ ئۆتۈشىگە، كۈچلۈك مەركەزدىن قېچىش كۈچى ئۇنى مەيداننى توسۇپ قويغان تاختايغا ئاپىرىپ ئۇرغاندا، سول تىزىنىڭ مۇسكۇللىرى پۈتۈنلەي تىتىلىپ كېتىپ، ئاپئاق سۆڭىكى ئېچىلىپ قالغان. دوختۇرلار ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇپ، يارا ئېغىزىنى47 يىپلىق تىككەن. ئەتراپتىكى نۇرغۇن كىشى ئۇنى ئەمدى مۇز مەيدانىدا كۆرۈنمەيدىغان بولدى دەپ قارىغان، ئەمما16 ياشلىق بۇ قىزچاق بىر يىلدىن كېيىن مۆجىزىلەرچە مۇز مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن.1987 - يىلى ئۇ دۆلەتلىك مەشىق كوماندىسىغا تاللانغان. شۇ يىلى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئومۇمىي ماھارەتتە15 - لىككە ئېرىشكەن.15 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لى يەن ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە بىر ئالتۇن مېدال ئالغاندىن باشقا، يەنە ئىككى كۈمۈش مېدال ئالغان ھەمدە1000 مېتىر بىلەن1500 مېتىرلىق ئىككى تۈردە دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان.