شەمشەرۋازلىق
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
قەدىمدىن تارتىپ شەمشەر چامباشلىقتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسكىرىي قورال بولۇپ، «تىغلار شاھى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە. خەن گاۋزۇ (ليۇ باڭ) ئۆزىنى ماختاپ: «ئۈچ چى ئۇزۇنلۇقتىكى شەمشىرىمنى ئوينىتىپ جاھاننى سورايمەن» دېگەن.
شەمشەر خىللىرى بويىچە يەككە شەمشەر، جۈپ شەمشەر، ئىككى قوللۇق شەمشەر، چەپ قوللۇق شەمشەر، ئۇزۇن پۆپۈكلۈك شەمشەر، قىسقا پۆپۈكلۈك شەمشەرلەرگە ئايرىلىدۇ. شەمشەرۋازلىقتا، تەيجى شەمشەرۋازلىقى، ۋۇداڭ شەمشەرۋازلىقى، ئېمېي شەمشەرۋازلىقى، شاۋلىن شەمشەرۋازلىقى، زۈيجيەن شەمشەرۋازلىقى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
شەمشەرۋازلىقنىڭ كۆپىنچىسى يۈرۈشلەشكەن ھەرىكەت بولۇپ، تۈرتۈش، يېرىش، سانجىش، تەگكۈزۈش، سۈركەش، ئىلىشتەك ھەرىكەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. شەمشەرۋازلىقنىڭ خىللىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى دولقۇنسىمان، لەرزان بولۇشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا خەلق ئارىسىدا «شەمشەر خۇددى ئۇچقۇر شامالدۇر» دېگەن گەپ بار.