UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىدىڭ ياپىڭ

دىڭ ياپىڭ

جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى خېنەنلىك قىز دىڭ ياپىڭ دۇنيا تىكتاك توپ چېمپىيونلۇقىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ئايال ماھىر. بوي ئېگىزلىكى ئاران50 .1 مېتىر كېلىدىغان دىڭ ياپىڭنىڭ پۇت - قوللىرى دىقماق بولۇپ، تىكتاك توپ تەنھەرىكەتچىسىنىڭ ھەقىقىي ماتېرىيالى ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئۇ جاپالىق مەشىق قىلىشقا، ئاز كۆرۈلىدىغان سۈرئەت ۋە ھېچنىمىدىن قورقماسلىقتەك قاپ يۈرەكلىكى ۋە قەيسىرانە ئېلىشىش روھىغا تايىنىپ،13 يېشىدىلا مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.15 يېشىدا ئاسىيا چېمپىيونلۇقىنى،16 يېشىدا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ كوللېكتىپ تۈرى بويىچە ۋە ئاياللارنىڭ جۈپ ئوينىشى بويىچە قوش چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.1992 - يىلى19 ياشلىق دىڭ ياپىڭ بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئاياللارنىڭ يەككە ئويناش چېمپىيونلۇقى ۋە چاۋ خۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاياللارنىڭ جۈپ ئويناش چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.1993 - يىلى شۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن42 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كوللېكتىپ ۋە جۈپ ئويناشتا ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ھەقىقىي ئىسمى جىسمىغا لايىق دۇنيا تىكتاك توپ خانىشى بولغان. دىڭ ياپىڭنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى دۇنيا تىكتاك توپچىلىقىدىكى پەقەت ئېگىز بويلۇقلارنىلا تەنھەرىكەتچىلىككە تاللاشتەك ئەنئەنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سامارانچمۇ دىڭ ياپىڭنىڭ توپ ئۇسلۇبى ۋە توپ ماھارىتىگە قايىل بولۇپ، ئۆز قولى بىلەن مۇكاپات تارقىتىپ، ئۇنى لوس - ئانژېلېسقا كېلىپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش ئورگىنىدا مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى