UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىزېنىت پىلىموت

زېنىت پىلىموت

جەڭ قوراللىرى زېنىت پىلىموت ئاساسەن ھاۋاغا ئوت ئېچىشتا ئىشلىتىـلـىـدۇ، تـۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچقان ئايـروپىلان، شۇڭغۇغـىچـى ئايـروپـىلان ۋە پـاراشـۇتـچـى قىسىملارنى ئېتىشتا ئۈنـۈمـى ئالاھـىـدە روشـەن بـولـغاچـقـا، «ھـاۋاغـا ئوت ئاچىدىغان ئوۋچى» دەپ ئاتـىـلىـدۇ. ئادەتـتـە تـاق ئىسـتـوۋۇلـلـۇق، قـوش ئىستوۋۇللۇق ۋە تۆت ئىستوۋۇللۇق دەپ بىرنەچچە خىل بولىدۇ.7 .12 مىللىمېتىرلىق تاق ئىستوۋۇللۇق زېنىت پىلىـمـوتـنـىـڭ نـەزەرىـيـە جەھەتتىكى ئېتىش سۈرئىتى مىنـۇتـىـغـا560 −600 پـاي، جـەڭـدىـكـى ئېتىش سۈرئىتى ئادەتتە80 پاي؛1000 مېتىر ئېگىزلىـك دائىـرىـسـىـدىـكـى تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇۋاتقان ۋە زىـيـادە تـۆۋەن بـوشـلـۇقـتـا ئۇچـۇۋاتـقان ئايـروپـىلانلارنى ئېتىشتا ئىشلىتىلىدۇ.1600 مـېـتـىـر كـېـلـىـدىـغـان يـانـتـۇ ئارىلىقتىن پاراشۇتچى قىسىملارنى ئاتقىلى بولىدۇ.5 .14 مىللىمېتىرلىق قوش ئىستوۋۇللۇق زېنىت پىلىموتنىڭ جەڭـدىـكـى ئېتىش سۈرئىتى مىنۇتىغا300 پاي بولۇپ، سۈرئىتى ئانچە تېز بـولـمـىـغـان ئايـروپـىلانلارغا ئۈنۈملۈك تەككۈزۈش ئارىلىقى2000 مـېـتـىـر. ئۇنـىـڭـدىـن باشقا، تۆت ئىستوۋۇللۇق زېنىت پىلىموتنىڭ جەڭدىكـى ئېـتـىـش سـۈرئىـتـى مىنۇتىغا600 پايغا يېتىدۇ، ئاساسەن تۆۋەن بوشلۇقـتـىـكـى ئايـروپـىلان، شۇڭغۇغۇچى ئايـروپـىلان ۋە پاراشۇتچى قىسىملارنى يوقىتىشتا ئىشلىتىلىدۇ. زېنىت پىلىموتقا برون تېشەر كۆيدۈرگۈچ ئوق ۋە برون تېشـەر ئىز قالدۇرغۇچى ئوق ئىشلىتىلگەچـكە،20 مـىـلـلـىـمـېـتـىـر قېلىنلىقتىكى پولات تاختاينى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. ئۇ يۇقىرى - تۆۋەنلىـكىنـى ۋە يۆنىلىشىنى تەڭشـىـگـىـلـى بـولـىـدىـغـان مـۇقـىـم جـازىـغـا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ستوۋۇلى ئىككىدىن كۆپ زېنىت پىـلـىـمـوتلار ئىـكـكـى چاقلىق ياكى تۆت چاقلىق ھارۋىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا، ئۇنـى ھـەر ۋاقـىـت سۆرەپ مېڭىشقا بولىدۇ. زېنىت پىلىموت ئارقىلىق ھەم ھاۋاغا ئوت ئېچىشقا، ھەم يـەر يـۈزى (سـۇ يـۈزى) نىشانلىرىغا ئوت ئېچىشقا بولىدۇ،1000 مېـتـىـر دائىـرىـدىـكـى يـەر يـۈزى، سـۇ يۈزىدىكى يېنىك تىپتىكى برون نىشانلىـرى، ئوت كـۈچـى نـۇقـتـىـلـىـرى، پاراخوت ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرگە خېلى زور تالاپەت يەتكۈزىدۇ. ئادەتـتـە بەن كوماندىرى، نىشانغا ئالغۇچى، ئوق سالغۇچى قاتارلىقلاردىن پىلىموت بەنـى تەشكىللىنىپ، كوللېكتىپ مەشغـۇلات قـىـلـىـدۇ. جـىـددىـي ئەھـۋالـدا ئادەم كېمەيتىپ مەشغۇلات قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى
زېنىت پىلىموت | UyghurWiki | UyghurWiki