UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىدۇبۇلغا مىلتىق

دۇبۇلغا مىلتىق

جەڭ قوراللىرى دۇبۇلغا باشنى قوغدايدۇ، بـىـراق ھـازىـر ئۇ يـېـڭـى تىپتىكى ھۇجۇم يارىغى − دۇبۇلغا مىلتىققا ئايلاندى. بىر قېتىم گېرمانىيىلىك ياراغ مـۇتەخـەسسىـسى جـەڭ مەيدانىغا دائىر بىر توپ رەسىملەر ئىچىدىن بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلـەرنـىـڭ دۇبۇلغىسىنى دۆۋىلەپ، ئېتىش تايانچى ۋە قوغدىنىش تېمى قىلغانـلىـقىـنـى بايقايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا دۇبۇلغا بىلەن مىلتىقنى بىرىـكـتـۈرۈش ئويـى پەيدا بولىدۇ.60 - يىللارغا كەلگەندە، ئۇ دۇنيـا بـويـىـچـە تـۇنـجـى دۇبۇلـغـا مىلتىقنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ. دۇبۇلغا مىلتىق دۇنياغـا كـېـلـىـشـى بىلەنلا زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ. ھەممە ئادەم دۇبۇلغا مىلتىقنىڭ بـارلىـقـقـا كېلىشى مىلتىق لايىھىلەشتىكى زور بۆسۈش، شـۇنـداقلا ھـەربـىـي ياراغلار تارىخىدىكى زور مۆجىزە دەپ قارايدۇ. دۇبۇلغا مىلتىقنىڭ تاشقى شەكلىدىن ئۇنـىـڭ ياراغ ئىـكـەنـلـىـكـىـنـى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇنـىـڭ ئارقىغا تـېـپـىـش كـۈچـىـمـۇ يوق، شـۇڭـا،9 مىللىمېتىرلىق مىشەكسىز ئوقنى ئاتقاندا، ئاتقۇچىنىڭ بېشى زەربـىـگـە ئۇچرىمايدۇ. دۇبۇلغا مىلتىقنىڭ ئوقلۇقى دۇبۇلغـىـنـىـڭ ئەڭ ئۈسـتـى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇبۇلغىنىڭ پېشانە قىسمىدا ئوپتىكىلىـق قـارىـغـا ئېلىش ئەسۋابى بار، نىشاننى بايقىغان ھامان نىشانـنـى ئادەمـنـىـڭ كـۆرۈش سىزىقى ئىچىدە ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپ، ئاپتوماتىك ئېتـىـلـىـدۇ، بـۇ ئارقىلىق كۆرگەن ھامان ئوق چىقىدىغان، ئاتقان ئوق زايە كـەتـمـەيـدىـغـان ھالەتكە يېتىدۇ. دۇبۇلغا مىلتىقنىڭ يەنە زەھەر ۋە يادرو رادىئاتسىـيىـسىـدىـن مۇداپىئەلىنىش رولى بار. زەھەرلىك گازنىڭ زەربىسىـگـە ئۇچـرىـغـانـدا، ھـاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكچىلىرى دەرھال ئېتىلىـپ، ئۆشـنـە خـالـتـىـسىـدىـكـى ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرىش قۇرۇلمىسـى ئوكـسـىـگېـن بىلەن ئاپـتـومـاتـىـك تەمىنلەيدۇ؛ كۈچلۈك يادرو رادىئاتسىيىسىگە ئۇچرىغاندا، پېشانە قىسمىـدىـكـى قارىغا ئېلىش ئۈسكۈنىسى ئاپتوماتىك ئېتىلىپ، كۆزنى زىيانغا ئۇچراشـتـىـن قوغدايدۇ. دۇبـۇلغـا مىلتىققا ئاپـتوماتـىـك ئوق چـىـقىرىش قـۇرۇلـمـىـســى ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا، بېشىدا دۇبۇلغا مىلتىق بار ئەسكەرلەر ئىكـكـى قـولـىـدا باشقا قوراللارنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ ۋە ئاپتومـوبـىـل ھەيدىيەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى
دۇبۇلغا مىلتىق | UyghurWiki | UyghurWiki