برونې تېشەر سىنارەد
جەڭ قوراللىرى
برونې تېشەر سىنارەدنىڭ ئۇچى ئوق بېشى ئىنتايىن قاتتىق بـولـۇپ، نىشانغا تەگكەندە ھەربىر كۋادرات سانتىمېتىر يەرگە نەچچە10 توننىدىن نەچچە100 تـونـنـىـغـىچە بېسىم چۈشۈرىدۇ، ئۇ تـانـكـا، بـرونـېـۋىـك، برونېلەنگەن ئايـروپـىلان ياكى ھەربىي پاراخوتلارنى تېـشـىـپ ئۆتـەلـەيـدۇ، بېتون قۇرۇلۇش قاتارلىـق نـىـشـانلارنـى نـاھايـىـتـى ئاسـانلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.
ھازىرقى زامان جەڭ مەيدانلىرىدا، ئاساسىي جـەڭ تـانـكـىـلـىـرىـنـىـڭ جۇغى بارغانسېرى كىچىكلىدى، ھەرىكەت سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتـى، سىنارەد مۇشۇنداق نىشانلارغا دەل تەگكەندىلا، ئۇلارنى جەڭـگىـۋارلـىـقـىـدىـن مەھرۇم قىلالايدۇ. شۇڭا، برونې تېشەر سىنارەدلەر، ھاۋانىڭ قارشىـلـىـق كۈچىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، ئېقىم سىزىقلىق ياسىلىدۇ. مۇشـۇنـداق بولغاندا، سىنارەدنىڭ دەسلەپكى تېزلىكى يۇقىرى، ئۇچۇشى تېز، ترايېكتورىيىسى پەس، دەل تېگىش دەرىجىسى يۇقىرىراق بولىـدۇ، ئادەتـتـە1000 مـېـتـىـر ئارىلىققا ئاتقاندا، ئېغىش پەرقى2 .0 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ.
ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان برونې تېشەر سىنارەدنىڭ5 خىلى بـار: بـۇلار ئۇچى ئۇچلۇق، بېشى سىلىق بولغان ئۇچلۇق برونې تېشەر سىنارەد؛ ئۇچى دىقماق يۇمىلاق ھەم ئۇچلۇق نېپىز «قالپاق» كىيگۈزۈلگەن بـرونې تېشەر دىقماق باشلىق سىنارەد؛ بېشىغا ئىككى «قالپاق» كىيگۈزۈلگەن برونـې تېشەر قالپاقلىق سىنارەد؛ بويى پاكار، قورسىقىغا كىـچـىـك ئوق ئۆزىكى سېلىنغان ئىككىلەمچى كالىبىرلىق تېز ئۇچىدىغان برونې تېشەر سىنارەد؛ بويى «زىلۋا»، شەكلى ئوقياغا ئوخـشـايـدىـغـان، ئېـتـىـلـىـپ چىققاندىن كېيىن قاسىرىقى دەرھال ئاجرايدىغان تېـز قاسىراق تـاشلايـدىـغـان برونې تېشەر سىنارەدلەردۇر.
ھەر خىل شەكىلدىكى بۇ برونې تېشەر سىنارەدلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى ئوخشاشمايدۇ. برونېسى قېلىنراق، چىداملىقلىقى يۇقىرراق تانكا ۋە برونۋىكلارغا برونې تېشەر دىقماق باشلىق سىنارەد ياكى قالپاقلىق سىنارەدلەر تەسىر كـۆرسـىـتـەلـەيـدۇ. ئىككىلەمچى كالىبىرلىق تېز ئۇچىدىغان برونە تېشەر سىنارەد، ئىـچـىـدە دىئامېتىرى كىچىك بولغان قاتتىق قېتىشما ئوق ئۆزىكى بـولـغاچقا، ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ. ئوق برونېگە يـۇقـىـرى سـۈرئەت بىلەن تەگكەندە، %80 تىن ئارتۇق ئېنېرگىيە برونېنىڭ ناھايىتى كـىـچـىـك يۈزىگە مەركەزلىشىپ، ئۇنى بىراقلا تېشىۋېتـىـدۇ. بـىـرقـەدەر يـىـراقتىكى ۋە برونېسى قېلىن ئېغىر تىپتىكى تانكىلار بىلەن جەڭ قىلغاندا، تېـز قاسىراق تاشلايدىغان برونې تېشەر سىنارەدنى ئىشـلـىـتـىـشـكـە تـوغـرا كېلىدۇ.