UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىگرانات

گرانات

جەڭ قوراللىرى گرانات سىنارەدلەر ئىچىدىكى «ئاقساقال» بولۇپ، ئۇ ھەممىدىن بالـدۇر «تۇغۇلغان»، ئىشلىتىلىشىمۇ ئەڭ ئۇزۇن، ئەۋلادلىرىمۇ ئەڭ كۆپ. بـۇ خـىـل سىنارەد پارتلىغاندىن كېيىن، ئادەمنى پەيدا بولغان سىنارەد سۇنۇقلىرى ۋە زەربە دولقۇنـى ئارقـىـلـىـق تالاپەتلەندۈرىدۇ ياكى پارتلىـتـىـدۇ، سىنارەد تالاپەتلەندۈرگۈچ سىنارەد، پارتلاتقۇچ سىنارەد ۋە پارتلاپ پارچىلىنىدىغان قىرغۇچى سىنارەد قاتارلىق بىرنەچچە خىلغا ئايرىلىدۇ. تالاپەتلەندۈرگۈچ سىنارەدنىڭ «قورسىقى» غا پارتلـىـتـىـش دورىسى قاچىلىنـىـدۇ، ئۇ يـەرگـە چـۈشـكـەن ھامان پـارتلاپ، نۇرغۇن پارچىلارنى شەكىللـەنـدۈرۈپ، دۈشـمـەنـنـى تالاپەتلەندۈرىدۇ. كالىبىرى ۋە قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولـمـىـغـان تالاپەتلەندۈرگۈچ سىنارەدنىڭ تـالاپـەتكەندۈرۈش كـۈچىـمۇ ئوخـشـاش بولمايدۇ.85 مىللىمېتىرلىق گرانات900 پـارچـە ئۈنـۈمـلـۈك پـارچـىـنـى شەكىلـلـەنـدۈرۈپ،280 كۋادرات مـېـتـىـر دائىـرىـدىـكـى دۈشـمـەنـنـى تالاپەتلەندۈرىدۇ،100 مىللىمېتىرلـىـق گرانات1400 پـارچـە ئۈنۈملۈك پارچىنى شەكىللەندۈرىدۇ، تالاپەتلەندۈرۈش دائىـرىـسـى85 مىللىمېتىرلىـق گراناتنىڭ % 30 چـوڭ بـولـىـدۇ؛152 مىللىمېتىرلىق گراناتنىڭ كۈچـى تـېـخـىمۇ زور بـولۇپ،2800 پـارچـە ئۈنۈملۈك پارچىنى شەكىلـلـەنـدۈرىـدۇ، كـۈچـى85 مـىـلـلـىـمـېـتـىـرلىـق گراناتنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. پارتلاتقۇچ سىنارەدنىڭ ئالاھىدىلىكى قاچىلىنىدىغان پارتلىتىش دورىـسـى كۆپرەك، قېپى نېپىزرەك بولۇپ، نىشاننى ئاساسەن، سىنارەد پارتلىغاندىـن كېيىـن پـەيـدا بولغان غايەت زور زەربە دولقۇنى ئارقىلىق ۋەيران قىلىـدۇ. ئۇنىڭغا ئادەتـتـە «قىسقا ۋاقىت كېچىكتۈرۈلىدىغان پارتلاتقـۇچ» سـەپـلـەنـگەچكە، ئۇ بىرەر ئەسلىھەگە تەگكەن ھامان دەرھال پارتلىماستىن، مەلۇم چوڭقۇرلـۇقـقـا تېشىپ كىرگەندىن كېيىن پارتلاپ پارچىلىنىدىغان قىرغۇچى سىنارەدنىڭ ھەم ئۆلتۈرۈش، يـارىلانـدۇرۇش رولى، ھەم پارتلىتىش رولى بار بولۇپ، ئۇنىڭـدىـن ئىـكـكـى ئۈنـۈم ھاسىـل قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر گراناتلارنىڭ ئىقتىدارى بارغانسېـرى يـاخـشـىلانـدى، بـۇلارنىڭ ئىچىدە تالاپەتلەندۈرۈش كۈچى چوڭراقلىرىدىن پـولات شـارىكلىك بـومـبـا، چاچما بومبا، ئانا - بـالا بـومـبـا؛ ئۇچـۇش مـۇسـاپىـسـى يـىـراقـراقلىرىدىن ئويـۇق تەگلىكلىك بومبا، ئۈچكىسىمان بومبا، مۇساپىسى ئاشۇرۇلغان رېئاكتىـپ بومبا ۋە تەگلىكىدىن گاز چىقىرىدىغان بومبا قاتارلىـقلار بـار. ھازىـرقـى زاماندىكى بەزى تالاپەتلەندۈرىدىغان بومبىلار ئىچىگە نەچچـە مـىـڭ دانە ئۇششاق تۆمۈر شارىك، پولات مـىـخ ۋە ئۇشـشـاق پـولات مىخلار قاچىلانغان، بۇ گراناتلارنىڭ تالاپەتلەندۈرىدىغان پـۇچـۇقـلـىـرى كـۆپ، تالاپەت يەتكۈزۈش دائىرىسى چوڭ. مەسىلەن،105 مىللىمېتىـرلـىـق ئوقـيـا شەكىللىك چاچما بومبىغا15 .4 كىلوگرام پارتلىتىـش دورىـسـى ۋە8000 دانە پولات مىخ قاچىلانغان، بومبا بوشلۇقتا پارتلىغانـدا، ئۇشـشـاق پولات مىخلار6000 كۋادرات مېتىر دائىرىدىكى ئوچۇقچىلىقتا تۇرغان پىيـادە ئەسكەرنى تالاپەتلەندۈرىدۇ. ئۇششاق پولات مىخلار ئادەم بەدىنىـگـە كىرگەندىن كېيىن، قايرىلىدۇ، قېيىپ كېتىدۇ، شۇڭا دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىـيـە قىلىشى ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدۇ. ھازىرقى زامان گراناتلىرى كۈچلۈك بولۇپلا قالماسـتـىـن، ئېتىلىش مۇساپىسىمۇ ئۇزۇن. نۇرغۇن گراناتلارنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى20 −30 كىلومېتىر بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ40 −50 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى