ئاۋاز مىناسى
جەڭ قوراللىرى
2- دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىلىكلـەر سـۇ ئۈسـتـى ھـۆكـۈمــرانـلـىـق ھوقۇقىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئارقا - ئارقىدىن يېڭى سۇ مىنالـىـرىـنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. ئۇلارنىڭ1939 - يىلى ئورۇنلاشتۇرغـان ماگنىتلىق مـىـنـالىرى ئەنگلىيىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغـانىـدى. كـىـم بـىـلـسـۇن، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىـغـان قـورالـنـى تـەتـقـىـق قىلىپ ئىشلەپ چىقىشىغىلا، گېرمانىيىلىكلەر يـەنـە بـىـر خـىـل يـېـڭـى سـۇ مىناسى ـــ ئاۋازدىن پارتلايدىغان سۇ مىناسىنى تەتـقـىـق قـىـلـىـپ يـاسـاپ چىققان. بۇ خىل سۇ مىناسى پاراخوت ئاۋاز مـەيـدانـىـدىـن پـايـدىـلـىـنىـپ پارتلايتتى، ئۇنى ماگنىتلىق مىنا تازىلاش قوراللىرى بىلەن تېپىش مۇمـكـىـن بولمىغاچقا، ئەنگلىيىنى يەنە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان.
ئاۋازدىن پارتلايدىغان سۇ مىناسىنىڭ قۇيرۇقىغا «قـۇلاق» ــ ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇللىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغاچـقـا، پـاراخـوتلارنـىـڭ ئاۋاز مەيدانى ئاۋاز مىناسىنىڭ پارتلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. سۇ مـىـنـاسـىـنىـڭ «قۇلىقى» پاراخـوتتىن چىققان ئاۋاز دولقۇنـىـنى ئېـلـېـكـتـر سـىـگـنـالـىـغـا ئايلاندۇرىدۇ، ئېلېكتر سىگنالى چوڭايتىلغان ۋە توغـرىلانـغـانـدىـن كـېـيىـن كاتۇشكىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئىسترېلكا ئاغىدۇ -دە، ئارىـلـىـقـتـىـكـى ئاپـپـاراتلار خىزمەتكە چۈشۈپ، پارتلىتىش ۋىكليۇچاتېلى ئۇلىنىپ، توك كاپسۇلىدىن توك ئۆتۈپ، سۇ مىناسى پارتلايدۇ. بـۇ پـاراخـوت ئاۋازى ئاۋاز مـىـنـاسـىـغـا تېلېفون قىلىپ «مەن كەلدىم!» دېسە، ئۇنىڭغا سۇ مىناسىنـىـڭ غـايـەت زور پارتلاش ئاۋازى جاۋاب بەرگىنىگە ئوخشاش ئىش.
ئاۋاز ۋە ماگنىت تەسىرىدىن پاتلايدىغان يەنە بىر خىل ئاۋاز مىناسى بار، ئۇ ئاۋاز ئىندۇكسىئون سۇ مىناسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاۋاز مەيدانى، ماگـنـىـت مـەيـدانـى تەرتىپ بويىچە سۇ مىناسىغا تـەسـىـر كـۆرسـەتـكـەنـدىـن كېيىن، سۇ مىناسى پارتلايدۇ. ئاۋاز پارتلاتقۇچىنىڭ سىگنال قوبۇل قىلىش ئارىلىقى ماگنىت ئىندۇكسىـئون پارتلاتقۇچنىڭكىدىن يىراق بولغاچـقـا، ئاۋاز پـارتلاتـقـۇچـى نىشان ئىزدەش نۆۋەتچى پارتلاتقۇچى قىلىنىدۇ؛ ماگنـىـت ئىندۇكسىيىلىك پارتلاتقۇچ پاراخوتلارنىڭ ئەتــراپـىـدىـكـى ماگنىت مەيدانىنىلا قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا، مىنا پـاراخـوتـنـىـڭ ئاسـتـىدا پارتلايدۇ، شۇڭا، ئۇ جەڭگىۋار پارتلاتقۇچ دېيىلىدۇ. ئادەتـتـە، ئاۋاز قۇرۇلمىسىنىڭ توك يولـى راۋان بـولـغـاچـقـا، ھـەرۋاقـىـت ئاۋاز سىگنالىنى قوبۇل قىلالايدۇ. پاراخوتلار يېقىنلاشقـانـدا، ئاۋاز قـوبـۇلـلـىـغـۇچ ئاۋۋال ئېلېكتر ئېقىمىنى ئۇلاپ خىزمەتكـە كـىـرىـشـىـدۇ، پـاراخوتلار مىنانىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ماگنىت ئىـنـدۇكـسـىـيىلىگۈچ پارتلىتىش ۋىكليۇچاتېلىنى ئۇلاپ، توك كاپسۇل قوزغىلىپ مىنا پارتلايدۇ.