UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىئەڭ زور ھەربىي پاراخوت − ئاۋىئاماتكا

ئەڭ زور ھەربىي پاراخوت − ئاۋىئاماتكا

جەڭ قوراللىرى ئاۋىئاماتكا ئەڭ زور ھەربىي پاراخوت بولۇپ، كىچىكلـىـرىـنـىـڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ200 مېتىر كېلىدۇ، چوڭلىرىنىـڭ330 مـېـتـىـرغـا يـېـتـىـدۇ؛ كەڭلىكى30 مېتىردىن80 مېتىرغـىـچـە بـولىدۇ. پـاراخـوت گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى40 نەچچە مېتىردىن70 نەچچە مېتىرغىچە بـولـۇپ،20 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە توغرا كېلىدۇ. ئاۋىئاماتكا يەنە ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن مەشـھـۇر. سـۇ چـىـقـىـرىـش مىقدارى كىچىكلىرىنىڭ20 مىڭ توننا، چوڭلىرىنىڭ90 مـىـڭ تـونـنىـغـا يېتىدۇ. ئەڭ زور ئاۋىئاماتكىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نەچچە ئون توننىلىق كارتېرلار بەئەينى يوغان پىلنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغـان توشقانغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ «نېمىز» ئاۋىئاماتكىسىنىڭ سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقـدارى90 نەچچە مىڭ توننا بولۇپ، لىق يۈك بېسىلغان9000 «ئازاد» مـاركـىـلـىـق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئېغىرلىقىغـا تـوغـرا كـېـلـىـدۇ. پـاراخـوتـقـا يـۇقـىـرى قۇۋۋەتلىك ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغـاچـقـا، سـۈرئىـتى خېلىلا تېز، سائەتلىك سۈرئىتى30 ~35 ئۇزېل (سائەت / دېـڭـىـز مىلى1 = ئۇزېـل1 )كە يېتىدۇ.90 مىڭ توننىلىق ئاۋىئاماتكىنىـڭ300 مـىـڭ ئات كۈچىگە ئىگە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى بولۇپ، بۇ ئېغىر تىپـتـىـكـى3300 ئاپتوموبىلغا كېتىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ. ھەربىر ئاۋىئاماتكا غايەت زور قورال - يـاراغ ئامـبـىـرىـغـا ئوخـشـايـدۇ. ئۇنىڭدا ھۇجۇمغا ئىشلىتىلىـدىـغـان قـىـرغـۇچـى ئايـروپـىلان، ھۇجـۇمـچـى ئايـروپـىلان، سۇ ئاستى پاراخـوتلىـرىـغـا زەربـە بـېـرىـش ئايـروپـىلانى بـار؛ ئۇنىڭدىن باشقا، لاۋازىمات كاپالىتى ئايـروپىلانلىرى، مەسىلەن، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئايـروپىلانى، رازۋېدكا ئايـروپـىلانـى، مـاي قـاچـىلاش ئايـروپىلانـى، قۇتقۇزۇش ئايـروپـىلانى قاتارلـىـقلار بـار. بـۇ ئايـروپـىلانلارنـىـڭ ئۆزلىرىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۆزئارا ئورگانىك بىـر پـۈتـۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك جەڭ ۋەزىپىلىرىنى تاماملايدۇ. زامانىـۋى پاراخوتنىڭ جەڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك - ئاجـىـزلـىـقـى، ناھايىتى زور دەرىجىدە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنـىـڭ سـۈپـىـتـى ۋە سـانـىـغـا بـاغـلـىـق. ئاۋىئاماتكىدىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسـكـۈنـىـلـەردىـن رادار، سـونـار، تـېـپـلـو پېلېنىگاتور؛ سىمسىز رادىئو، خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى، سـۈنئىـي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش سىستېمىسى ھەمدە يول باشلاش ئۈسكۈنىـسـى قاتارلىقلار بار. ئاۋىئاماتكىنى سىقىپ چىقارغـان سـۇ مـىـقـدارىـغـا ئاسـاسـەن چـوڭ - كىچىكلىك تۈرىگە ئايرىغاندا،60 مىڭ توننىلىقتـىـن يـۇقـىـرىـلـىـرى چـوڭ تىپلىق؛20 مىڭ توننىدىن60 مىڭ توننىغىـچـە بـولـغـانـلـىـرى ئوتـتـۇرا تىپتلىق؛20 مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغانلىرى كىچىك تىپلىق ھېسابلىـنـىـدۇ. ئۇ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، دېڭىزدا يۈرۈش ئىقتىـدارى يـاخـشـى، چۆكۈپ كېتىشكە تاقابـىـل تـۇرۇش ئىـقـتـىـدارى كـۈچـلـۈك بـولـۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىـگـە، نـىـشـان چـوڭ، ئاسـان ھۇجـۇمـغـا ئۇچـراش قاتارلىق ئاجىزلىقلىرىمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى