لەڭگەرلەنگەن مىنا
جەڭ قوراللىرى
1904 - يىلى ياپونىيە - روســىـيـە ئۇرۇشـى سـۇ مـىـنـاسـى ئۇرۇشـى تارىخىدىكى كەڭ كۆلەمدە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مىـنـا تـازىلاش جـېـڭـى بولدى، ئەينى چاغدا ئىشلىتىلگەن سۇ مىناسى چوڭقۇرلۇقنى ئۆزلۈكـىـدىـن ئۆلچەيدىغان، تېگىپ كەتسىلا پارتلايدىغان لەڭگـەرلەنگەن ئېلېكترولىتلىق مىنا ئىدى.
لەڭگەرلەنگەن مىنا مىنا گەۋدىسى ۋە مىنا لەڭگىـرىدىن ئىبارەت ئىـكـكـى قـىـسـىـمـدىـن تۈزۈلىدۇ. مىنا گەۋدىسى، ئادەتتە، شارسىمان بولىـدۇ، ئۇنـىـڭـغـا قـارا سـىـر سۈركەلگەن بولغاچقا، ئاسان بايقىلىپ قالمايدۇ. مىنا گەۋدىسىنـىـڭ ئاسـتـى قىسمى پارتلىتىش دورىسى بۆلمى بولۇپ، ئۇنىڭغا100 ــ300 كىـلـوگـرام TNT پارتلىتىش دورىسى ۋە توكلۇق كاپسۇل ئورۇنلاشـتـۇرۇلـىـدۇ. ئۈستى قىسمى بوش بولغاچقا، مىنا گەۋدىسى بەلگىلىك لەيـلەش كـۈچـىـگـە ئىگە بولىدۇ. مىنا گەۋدىسىدە بەش تېگىش مۈڭگۈزى بار. لەڭـگـەرلەنگەن مـىـنـاغـا چوڭقۇرلۇقنى ئۆزلۈكىدىن ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولـۇپ، ئۇ مىنانىڭ ئورۇنلىشىش چوڭقۇرلۇقىنى تىزگىنلەيدۇ.
مىنا گەۋدىسىدە بەش تـېـگـىـش مـۈڭـگـۈزى بـولـۇپ، ئۇ مـىـنـانـىـڭ پارتلىشىدىكى ئاچقۇچ. ھەر بىر تېگىش مۈڭگۈزى سىنك لوڭقا، كاربـون تاياقچە ۋە ئېلېكترولىت قاچىلانغان ئەينەك نەيچىدىن تۈزۈلىدۇ. تېگـىـش مۈڭگۈزى باتارېيە پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بولۇپ، ھەربىر تـېـگـىـش مۈڭگۈزى بىر باتارېيىگە ئوخشايدۇ، سىنك لوڭقا باتارېيىـنـىـڭ سىرتقى قېپىدىكى سىنك قەغـەزگـە ئوخـشـايـدۇ؛ كـاربـون تـايـاقـچە بولسا باتارېيىنىڭ چوققىسىدىكى مىس قاپلانغان كاربون ئۆزىكىگە ئوخشايـدۇ؛ ئەينەك نەيچىدىكى ئېلېكترولىت باتارېيىدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇققا ئـوخشايدۇ. پاراخوت تېگىش مۈڭگۈزىگە تېگىپ ئۇنى قايرىۋەتكەندە، ئەينـەك نەيچە چېقىلىپ، ئېلېكترولىت سىنك لوڭقا بـىـلـەن كـاربـون تـاياقـچـە ئارىلىقىغا ئېقىپ كىرىپ، خىمىيىۋى ئۆزگىرىـش يـۈز بـېـرىـپ، ئېـلـېـكـتـر ئېقىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تېگىش مۈڭگۈزىدىن پەيدا بـولـغـان ئېـلـېـكـتـر ئېقىمى توكلۇق كاپسۇلغا ئۆتۈپ توكلۇق كاپسۇل پارتلاپ مىنانـىـڭ پارتلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ لـەڭـگـەرلەنگەن مـىـنـانـىـڭ تـەگـسـىلا پـارتلاش قائىدىسى.
لەڭگەرلەنگەن مىنانىڭ قۇدرىتى ئىنتايىن كۈچـلـۈك بـولـۇپ، ئۇ غـايـەت زور بېسىم دولقۇنى بىلەن پاراخوت قېپىغا زەربە بېرىدۇ، بـۇ بـېـسـىـم دولـقـۇنـى پاراخوت قېپى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ بېسىم كۈچىدىن ئېـشـىـپ كەتكەندە، پاراخوت قېپى يېرىلىدۇ، بۇنىڭ بۇزۇش رادىئۇسـى ئادەتـتـە5 ــ6 مېتىر بولىدۇ. قوغلىغۇچى پاراخـوت ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك پاراخـوتلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر - ئىككى سـۇ مـىـنـاسـىـنـىـڭ پـارتـلـىـشى ئۇنى چۆكتۈرۈۋېتەلەيدۇ ياكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ، جەڭگىۋارلىقىدىن مەھـرۇم قىلىدۇ.