ماگنىتلىق مىنا
جەڭ قوراللىرى
1939 - يىل9 - ئايدا، گېرمانىيە ئەنگلىـيـىـنـىـڭ تـايـمـىـس دەريـاسـى ئېغىزىدىكى دېڭىز يۈزىگە سۇ مىناسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەنگـىـلـىـيـە مـىـنـا تازىلاش پاراخوتى ئەۋەتىپ مىنا رايونىدا تەكرار- تەكـرار مـىـنـا تـازىلايـدۇ، نەتىجىدە بىرمۇ مىنا، تاپالمايدۇ. بىراق، پاراخوتلار مىنا تازىلـىـنـىـپ بـولـغان رايونغا كىرىشى بىلەنلا ئارقا - ئارقىدىن پارتلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولـۇپ17 پاراخوت چىقىم تارتىدۇ. ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن بۇ خىـل سۇ مىناسى ماگنىتلىق مىنا بولۇپ، ئۇ دېڭىزغا چـوڭـقـۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، چۆكمە ماگنىتلىق سۇ مىناسى دەپـمـۇ ئاتىلىدۇ.
بۇ خىلدىكى مىنالارغا پاراخوتلارنىڭ بىۋاسىتە سوقۇلۇشىنىڭ ھاجىـتـى يوق، ئۇ مۇئەييەن ئارىلىقتا پاراخوت ماڭغاندا ھـاسـىـل بـولـغـان مـاگـنـىـت مەيدانىنى قوبۇل قىلسىلا پارتلايدۇ. ماگنىتلىق مىنانىڭ قۇدرىتـى بـىـرقـەدەر كۈچلۈك بولۇپ، قوغلىغۇچى پاراخوتتىن بىرىنى چۆكتۈرۈۋېـتـىـش ئۈچـۈن300 كىلوگرام پارتلىتىش دورىسى قاچىلانغان چۆكمە ماگنىـتـلـىـق مـىـنـا، كرېيسېردىن بـىـرىـنـى چـۆكـتـۈرۈۋېـتـىـش ئۈچـۈن ئىككىدىن ئۈچكىچە ماگنىتلىق مىنا، ئېغىر تىپتىكى پاراخوتـتـىـن بـىـرىـنـى چۆكتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئۈچتىن تۆتكىچە ماگنىتلىق مىنا بولسـىلا كـۇپـايـە. ئۇنىڭ بۇزۇش رولى پارتلاش ئارىلىقىنىڭ يىراقلىشىشـىـغـا ئەگىـشـىـپ ئاجىزلايدۇ، مىنا ئادەتتە10 ــ20 مېتر چـوڭـقـۇرلۇقـتـا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئۇنىڭ پارتلاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.