كۆيدۈرگۈچ بومبا
جەڭ قوراللىرى
كۆيدۈرگۈچ بومبا ھاۋا ئارمىيىسى ئىشلىتىدىغان بىر خىل كۆيدۈرگـۈچ ياراغ بولۇپ، ئايـروپـىلاندىن تاشلىنىدۇ، ھاۋا بوشلۇقىـدا پـارتـلـىـغـانـدىـن كېيىن، ئوت سىنارەدلىرى بوشلۇقتىن يامغۇردەك تۆكۈلىدۇ. بۇ خىل ياراغ2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن.
كۆيدۈرگۈچ بومبىدىن تېرمىتلىق كۆيدۈرگـۈچ بـومـبـا بىلەن ناپالم (قويۇقلاندۇرۇلغان بېنزىن) بومبا كـۆپ ئۇچـرايـدۇ. تېرمىتلىق كۆيدۈرگۈچ بومبىدىن نەچچە100 ى بىرلا ۋاقىتتا ئايـروپـىلاندىن تاشلانغاندا، مۇئەييەن ئېگىزلىككە چۈشكەندە، ئۆزلۈكىدىن پارتلاپ، بەلگىلـىـك دائىـرىـگـە تارقىلىپ كۆيۈپ، نۇرغۇن ئۇششاق ئوت مەنبەلىرىنى ھاسىل قـىـلـىـپ، ئۇلغىيىپ يامرايدۇ. بۇ خىل كۆيدۈرگۈچ بومبىنىڭ كۆيگەندىكى يالقۇنى كىچـىـك، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغـان ئاق نـۇر چـىـقـىـرىـدۇ، كۆيۈش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ.
ناپالم بـومـبـىنـى ئامـېـرىـكـا كـەشـىـپ قـىـلـغـان، ئۇنىڭدا قويۇلدۇرۇلغان بېنزىن كۆيدۈرگۈچ قىلىنىدۇ، بومبـىنىڭ گـەۋدىـسـى، شـەكـلـى ئادەتتىكى بومبىلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بـومـبا ئىـچـىـگـە پـارتلاتـقـۇچ ۋە فوسفورلۇق پارتلىتىش دورىسىدىن باشقا، ناپالم يـاكـى نـېـفـىـت، بېنزىن ئارىلاشمىسى توشقۇزۇلىدۇ. بۇ خىل بومبـىـنـىـڭ بـەزىـلـىـرىـنـىـڭ ئېغىرلىقى500 كىلوگرامغا يېتىدۇ. بومبا يەر يۈزىدە پارتلىـغـانـدا، كۆيۈۋاتقان پارچىلار ۋە سۇيۇقلۇق تامچىلىرى رادىئۇسى10 −50 مېتىر كېلىدىـغـان دائىرىگە تارقىلىدۇ، ئەگەر بۇ خىل بومبا بوشلۇقتا پارتـلـىـسـا، تـارقـىـلـىـش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ.
كۆيدۈرگۈچ بومبىنىڭ خەۋپـى بـەك زور بـولـغاچـقـا،1972 - يـىـلـى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىن چاقىرىپ، كۆيدۈرگـۈچ بـومـبـا ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغانىدى، بىراق ئەمـەلـىـي ئۈنـۈم ھاسىل قىلالمىدى. ئەكسىچە، كۆيدۈرگۈچ بومبىنىڭ تۈرلىرى ئۈزلـۈكـسـىـز كۆپەيدى، ئىقتىدارى كۈنسايىن ئاشتى.