مىلتىق
جەڭ قوراللىرى
مىلتىق «ياراغلارنىڭ شاھى» دەپ ئاتىلـىـدۇ. تـۈرلۈك ياراغلار مىلتىق ئاساسىدا تەرەققىي قىلـغـان، شـۇڭـا ئۇ ياراغلارنىڭ «ئاقساقىلى» ھېسابلىنىدۇ.
مىلتىق − يەككە ئەسكەرلەر ئەڭ كـۆپ ئىـشـلىـتىـدىـغـان، ئەڭ ئاساسىي ياراغ. ئۇنىڭ ئىستوۋۇلى ئۇزۇن، ئېتىش مۇساپىسى يىراق، تېـگـىـش نىسبىتى يۇقىرى.400 مېتىر ئىچىدىكى نـىـشـانـغـا تـېـگىـش ئۈنـۈمـى ئەڭ ياخشى،600 مېتىر ئىچىدە دۈشمەن تەرەپتىكى ھەرىكەتلىك نىشاننى تالاپەتلەندۈرەلەيدۇ. مـىـلـتـىـقلارنـى قـوشـۇپ زىـچ ئوت كـۈچىـنـى شەكىللەندۈرگىلى،800 مېتىر ئىچىدىكى كوللېكتىپ نىـشـانـنـى تالاپەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئوق1500 مېتىردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تالاپەتلەندۈرەلەيدۇ. مىلتىقتىن پـايـدىـلـىـنـىـپ، ھاۋادىن ئېتىپ چۈشۈرۈشنى تەشكىللىگىلى بولىدۇ،500 مېتىر ئېگىـزلـىـك دائىرىسى ئىچىدە، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇۋاتـقـان دۈشـمـەن ئايـروپـىلانـى ۋە چۈشۈۋاتقان پاراشۇتچى ئەسكەرلەرنى ئاتقىلى بولىدۇ.
كونا تىپتىكى مىلتىقلاردا ئوقـنـى سېلىش، قـۇلـۇپلاش، ئېتىش، قۇلۇپنى ئېچىش، مىشەك ياندۇرۇش قاتـارلـىـق ھەرىـكـەتـلـەر قـول ئارقىلىق تاماملانغاچقا، ئۇلار ئاپتوماتىك بولمىغان مىلتىق دەپ ئاتىلاتتـى، مەسىلەن،79 تىپلىق مىلتىق، ياپـونـكـا، ئامېرىكىچە30 تـىـپـلـىـق مىلتىق قاتارلىقلار. ھازىرقى مىلتـىـقلارنـىـڭ ھەمـمـىـسـى ئاپتوماتىك مىلتىقلار بولۇپ، مىلتىق دورا گازىنىڭ بېسىم كۈچى ۋە قايتۇرغۇچ پۇرژىنىنىڭ رولى ئارقىسىدا، ئوق سېلىش، قۇلۇپلاش، ئېتـىـش، قۇلۇپنى ئېچىش، مىشەك قايتۇرۇش، ئوق بېسىش قاتارلىق ھەرىـكەتـلـەر ئاپتوماتىك تاماملىنىدۇ. ئاپتوماتىك مىلتىق تاكتىكا خۇسۇسىيىتىگـە ئاساسەن، يېرىم ئاپتوماتىك ۋە تولۇق ئاپتوماتىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ھازىر ھەرقايسى ئەللەردە ئىشلىتـىـلىـۋاتـقـان مىلتىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئاپتوماتىك مىلتىقلاردۇر.
ھازىرقى زامان مىلتىقلىرىنىڭ قۇرۇلـمـىـسـى ئىـخـچـام، ئۆزى يېنىك بولۇپ، مىلتىق خۇسۇسىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستـىـدا، ئۇزۇنلۇقى ئىمكانقەدەر قىسقارتىلغان. بەزىلىرىگە قاتـلـىـنـىـدىـغـان پاينەك، بەزىلىرىگە ئۇزارتقىلى - قىسقارتقىلى بولىدىغان پاينەك ئىشلىتىـلـگـەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭلا كىچىك سېپى بار. ئامېرىكىلىـق مـەشـھۇر مـىـلـتـىـق لايىھىلىگۈچى ستوننېر لايىھىلىگەن56 .5 مىـلـلـىـمـېـتـىـرلـىـق1 A16M ئاپتوماتىك مىلتىققا مىـلـتـىـق قـۇرۇلـمـىـسـىـنـىـڭ بەزى ئارتۇقچىلىقلىرى مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دېتاللـىـرى بـىـرقـەدەر ئاز، مىلتىقنىڭ ئېغىرلىقى18 .3 كىلوگراملا كېلىدۇ، ئۇنىـڭـغـا30 تـال ئوق سېلىنغان دىسكا ۋە تاسمىنى قوشقاندا، ئۇ82 .3 كىلوگرامغا يېتىدۇ؛ شتىك سالغان چاغدىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1120 مىللىمېـتـىـر بـولـۇپ، ئەڭ يـېـنىـك مىلتىق ھېسابلىنىدۇ.