تاپانچا
جەڭ قوراللىرى
تۈرلۈك شەكىلدىكى ياراغلار ئىچىدە، تاپانچا «ئەڭ ئەپچىل» ھېسابلىنىـدۇ. ئۇنىڭدا باشقا مىلتىقلاردا يوق ئالاھىدىلىكلەر ھازىـرلانـغـان بـولـۇپ، ئۇرۇش تارىخىدا ئوخشاشلا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى ياراتقان. ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇشى − تاپانچىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى. ئۇ ئاتلىق ئەسكەر، رازۋېدكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە تازا باب كېلىدۇ.
تاپانچىنىڭ شەكلى كۆپ خىل. ئاپتوماتىك بـولـمـىـغـان تـاپـانـچـىلار ئىچىدە رېۋولۋېر ئەڭ مەشھۇر، ئۇنى ئامېرىكىلىـق كـولتېر1836 - يىلى كەشىپ قىلغان، ئۇنىڭ ئوقدانى بىرنـەچـچـە ئوق تـۆشۈكـىلـىـك ئايلانما تۇلۇق بولۇپ، تۇلۇق ئوقـنـى ئايـلـىـنـىـپ چـۆرۈلـىـدۇ، ھەربـىـر ئوق تۆشۈكىدىكى ئوق تەرتىپ بويىچە ستۋولغا توغرىلىنىدۇ.
ئاپتوماتىك تاپانچا ئوقىنىڭ ئىتتىرىلىشى ۋە ئېتىشقا تـەيـيـارلـىـنـىـشـى ئاپتوماتىك تاماملىنىدۇ، بىراق، ھەر قېتىم تەپكىنى باسقـانـدا بـىـر تـاللا ئوق ئېتىلىدۇ. ئىشلىتىلىشىگە ئاساسەن، ئاپتوماتىك تاپانچىنى يەنە ئەپـچـىـل تاپانچا ۋە ئوت كۈچى كۈچلۈك تاپانچىغا ئايرىشقا بولـىـدۇ. قـوغـدىـنـىـشـقـا ئىشلىتىلىدىغان تاپانچا ئادەتتە ئىنتـايـىـن ئەپـچـىـل بـولـۇپ، كـالـىبـىرىـمـۇ كىچىكرەك بولىدۇ، ھازىرقى زامان تۇنجى ئاپـتـومـاتـىـك تـاپـانـچـىـسـىـنـى ئامېرىكىلىق بروۋنىڭ لايىھىلىگەن بولغاچقا، «بروۋنىڭ» تاپانچـىـسـى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاۋسترىيىلىكلەر3 مىللىمېتىرلىق ئوق سېلىـنـىـدىـغـان «ئالىـقـان تاپانچىسى»، يەنى ئەپچىل تاپانچـىـنـى يـاسـاپ چـىـقـقان. قـوغـدىـنـىـشـقـا ئىشلىتىدىغان ئەپچىل تاپانچىنىڭ ئەڭ مۇكەممىلىدىن يەنە بروۋنـېڭـنىڭ1900 تىپلىق تاپانچىسى بولۇپ،10 - نومۇرلۇق تاپانچا دەپـمـۇ ئاتىـلـىـدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، تاشقى كۆرۈنۈشـى چـىـرايـلـىـق بـولـۇپ،65 .7 مىللىمېتىرلىق ئوق سېلىنىدۇ، ئىلگىرى بېلگىيە، شـۋېـتـسـىـيـە قـاتـارلـىـق دۆلەتلەردىكى ئارمىيىلەردە ئوفىتسېرلارغا سەپلەپ بېرىلگەن.
جەڭلەردە ھەقىقىي رولىنى جارى قـىـلـدۇرالايـدىـغـىـنـى ئوت كـۈچـى كۈچلۈك تاپانچا ھېسابلىنىدۇ.1 -دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گـېـرمـانـىـيـە9 مىللىمېتىر كالىبىرلىق تاپانچا ياساپ چىققان.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگـىـلـىـدە، ئارمىيىدە ئىشلىتىـدىـغـان ئوت كـۈچـى كـۈچـلـۈك تـاپـانـچـىلار كـۆپـلەپ ئىشلەپچىقىرىلغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئاددىيلاشتۇرۇلغان قارىغا ئالغـۇچ ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇدا ئوق چىقىرىغان چاغدا، ياراغنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئوقنى دەل تەگكۈزۈش ئۈچۈن، بەزى ئاپتوماتىك تاپانچىلارغا ئۇزۇن دەستە بېكىتىشكە بولىدۇ.