كۆيدۈرگۈچ مىنا
جەڭ قوراللىرى
كۆيدۈرگۈچ مىنا دېگىنىمىز ناپالم مىنا بولۇپ، مۇداپـىئە ئالدىنقى سېپىگە كۆمۈلۈپ دۈشمەن ھۇجۇمى توسۇلىدۇ.
بەزى ناپالم مىنالاردا، تۆمۈر بـاكـىـنـىـڭ ئاسـتىـغـا TNT پارتلىتىش دورىسى ياكى مىنـامـيـوت ئوقـى قـويـۇلـۇپ، ئېـتـىـپ چىقىرىش دورىسى قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، پارتلىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىـق پارتلىتىشقا توغرا كېلىدۇ، سىغىمى200 لىتىر بولغان بېنزىن تـۇڭـىنىڭ پارتلىغاندىكى تالاپەت يەتكۈزۈش رادىئۇسى50 −60 مېتىرغا يېتىدۇ.
كۆيدۈرگۈچ مىنا ئارقىلىق سۇ يۈزىـدە تـوسۇق ھـاسـىـل قـىـلـىـپ، دۈشمەننىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىنى توسۇغىلى بولىدۇ. زۆرۈر تـېـپـىـلـغـانـدا، سۇيۇق كۆيدۈرگۈچنى ئېقىتىپ، ئۇنى سۈ يۈزىدە كۆيدۈرۈشكە بولىدۇ.
كۆيدۈرگۈچ مىنا، ئادەتتە، مۇداپىئە جەڭلىرىدە توپ پىيادە ئەسكەرلەرنـى زەخىملەندۈرۈش، ئۆلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، ھۇجـۇمـچـى قـىـسـىـملارنـىـڭ ماتورلىشىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىـپ، ئۇنـىـڭ كـۆيـدۈرگـۈچ ياراغلار ئىچىدىكى ئورنى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى. ھازىر، كۆيدۈرگۈچ مىـنـا ،ئاساسەن، دېڭىز - ئوكيان، دەريا قىرغاقلىرىدا ئوت توسۇقى پەيدا قىـلـىـپ، دۈشمەننىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىنى توسۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.