UyghurWiki
UyghurWikiجەڭ قوراللىرىيورۇتقۇچى سىنارەد

يورۇتقۇچى سىنارەد

جەڭ قوراللىرى كىچىككىنە يورۇتـقـۇچـى سىنارەد قـاراڭـغـۇ كـېـچـىـنـى كـۈنـدۈزدەك يورۇتۇۋېتىدۇ. يورۇتقۇچى سىنارەدنىڭ ئىچىگە پـەۋقـۇلئاددە يـورۇتـۇش قـۇرۇلـمـىـسـى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغـا يـورۇتـۇش دورىـسـى قـاچـىلانـغـان. ئۇ كۆيىدىغان مېتال، ئوكسىد ۋە يېپىشتۇرغۇچى قاتارلـىـق بىرقانچە خىل ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆيىدىغان مېتال ئاساسەن ماگنىي پاراشوكى ۋە ئاليۇمىن پاراشوكىـدىـن تـەيـيـارلـىـنـىـدۇ. مـاگـنـىـي پاراشوكى بىلەن ئاليۇمىن پاراشوكى كۆيگەندە نەچچـە مـىـڭ گــرادۇسـلـۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەيدا قىلىپ، كۆزنى قامـاشـتـۇرىـدىـغـان نـۇر چاچىدۇ. ئوكسىدلار بارىي نىترات ياكى ناترىي نىترات بـولـۇپ، ئۇلار كۆيگەندە زور مىقداردىكى ئوكسىگېننى قويۇپ بېرىپ، ماگنىي ۋە ئاليۇمـىـن پاراشوكلىرىنىڭ كۆيۈشىـنـى تـېـزلـىـتـىـپ، يـورۇقـلـۇقـنـى كـۈچـەيـتىـدۇ. يېپىشتۇرغۇچلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي قۇرۇشچان ماي، دېۋىرقاي، شېللاك قاتارلىق خام ماتېرىياللاردىن تەييارلـىـنـىـدۇ، ئۇ، دورىلارنـى يېپىشتۇرۇپ، كۆيۈشنى ئاستىلىتىپ، يـورۇتـقـۇچـنـىـڭ بەلگىلىك كۆيۈش ۋاقتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قـىلىـدۇ. يـورۇتـقـۇچ قـاپ ئىچىگە سېلىنىدۇ، قاپنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا پاراشۇت بولىدۇ. يورۇتقۇچى سىنارەدكە يەنە قەرەللىك پارتلاتقۇچ ۋە ئاتـقـۇچى دورا سەپلىنىدۇ. سىنارەد بەلگىلەنگەن ھاۋا بوشلۇقىغا كەلـگـەنـدە، قـەرەلـلـىـك پارتلاتقۇچ ئوت ئېلىشقا باشلاپ، ئاتـقۇچى دورىـغا ئوت تۇتىشىپ، يورۇتقۇچى دورا ئوت ئالىدۇ، ئاتقۇچى دورا ھاسـىـل قـىـلـغـان گـاز بېسىمى يورۇتقۇچى دورا بىلەن پاراشۇتنى بومبا قېپى سىرتىغا ئېتىپ چـىـقىـرىـدۇ، پاراشۇت ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى تەسىرى بىلەن ئېچىـلـىـپ، يـورۇتـۇش دورا قۇتىسىغا ئېسىلىپ سېكۇنتغا5 −8 مېتىر سۈرئەت بىـلـەن ئاسـتـا تۆۋەنلەپ يانىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆزنى چـاقـنىـتـىـدىـغـان نـۇر زېـمـىـنـغـا چېچىلىدۇ. يورۇتقۇچى سىنارەدنىڭ نۇرى ئىنتـايـىـن كـۈچـلۈك بـولـۇپ، ئوتـتـۇرا كالىبىرلىق بىر پاي يورۇتقۇچى سىنارەد چىقـارغـان يـورۇقـلـۇق400 −500 مىڭ شام يورۇقىغا باراۋەر بولىدۇ،25 −35 سـېـكۇنـت داۋامـلـىـشـىـپ1 كىلومېتىر دائىرىدىكى نىشاننى يورۇتالايدۇ. جەڭلەردە يورۇتقۇچ سىنارەدنىڭ يورۇقىدىن پايدىلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تېزدىن ئېنـىـقلىغىلى، ئۆز تەرەپنىڭ ئېتىش ئۈنۈمىنى كۆزىتىپ، ئېتىشتىـكـى ئېـغـىـش پـەرقىـنـى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ھۇجۇمنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىـلـغـىـلـى بـولـىـدۇ؛ مۇداپىئەلىنىدىغان چاغدا، دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى ۋاقتىدا كۆزەتكىلى بولىدۇ. يورۇتقۇچى سىنارەدنىڭ تـۈرى ئىـنـتـايـىـن كـۆپ بـولـۇپ، زەمـبـىـرەك ئوقلىرىغا يورۇتقۇچى سىنارەدنى سەپلىگەندىن باشقا، يورۇتۇش بومبىسى، گراناتا ميوت يورۇتۇش بـومـبـىـسـى، يـورۇتـقـۇچ گــرانـات، مىلتىقتا ئېتىلىدىغان يورۇتۇش گراناتى ۋە يورۇتۇش مىناسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جەڭ قوراللىرى