لازېر مىلتىق
جەڭ قوراللىرى
لازېر نۇرىنى ئوق ئورنىدا ئىشلىتىدىـغـان بـىـر خـىـل مىلتىق بـولـۇپ، ئاساسەن يەككە دۈشمەننى ئەما قىلىش، ئۆلتۈرۈش ياكى كىيىـمـىـگـە ئوت تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىشتا شۇنىڭ بىلەن بىللە، لازېر ياكى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئارىلىق ئۆلچىگۈچ، تۈرلۈك تىپتىكى كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ نـۇرغـا سەزگۈر زاپچاسلىرىنى زەخىملەندۈرۈش، كاردىن چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
لازېر مىلتىقنىڭ شەكـلـى ئادەتـتـىـكـى مىلىقلارنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ، ئۇ لازېر ئەسۋابى، قوزغىتىش مەنبەسى، ئۇدارنـىـك ۋە مىلتىق پاينىكىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەركىب تـاپـىـدۇ، ئۇنـى ئىـشـلـىـتـىـش مىلتىققا ئوخشاشلا قۇلايلىق. ئۇنى ئامېرىكـىـلـىـقلار1978 - يـىـلـى كەشپ قىلغان. بۇ خىل مىلتىقتا لازېر نۇرى ئارقىلىق قارىغا ئېلىنىدۇ، لازېـر نۇرى نىشانغا چۈشسىلا، ئوق مۇشۇ لازېر نۇرى دەستىـسـىـنـى بـويلاپ ئېتىلىدۇ، نۇر نەگە يەتسە، ئوقمۇ شۇ يەرگە يېتىدۇ. ئېتىلغان ئوقنىڭ بىرىمۇ زايە كەتمەيدۇ. ئەگەر مىلتىـقـقـا ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق دۇربۇن ئورنىتىلسا، تـۈن قـاراڭـغـۇدا1600 مـېـتـر دائىرىدىكى نىشانغا نەق تەگكۈزگىلى بولىدۇ.
بىر خىل ئەپچىل لازېر تاپانچا بـولـۇپ، تـاشـقـى شەكلى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى پايكېر قەلەمگە ئوخشاپ كـېـتـىـدۇ، ئېغىرلىقى5 .0 كىلوگراملا كېلىدۇ، ئۇنى قەلەمگە ئوخشاش ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ خىل لازېر تاپانچا بىرنەچچە مېتر يىراقلىقتىكـى ئادەمنىڭ كىيىم - كېچىكىنى كۆيدۈرۈپ، تېرىسىنى جاراھەتلەنـدۈرىـدۇ، ئۇنـىـڭ ئۈستىگە ئاۋازى بولمىغاچقا، ئۈن - تۈن چىقارمايلا ئادەمنى جېنـىـدىـن جـۇدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئون نەچچە مېتىر ئارىلىقتىكى ئادەمنىڭ كۆزىـنـى ئەما قىلىپ قويىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ زەھەر چەكلەش ساقچىلىرى لازېر تاپانچىنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان قوغدىنىش يارىغى سۈپىتـىـدە ئىـشـلـىـتـىـدۇ. ئۇلار لازېر تاپانچىنى ھۆججەت سومكىسىنىڭ ئىچكىـرىـسـىـگـە سـېـلـىـپ، ئېتىشنـى سومكىدىكى تۇتقۇچ ئارقىلىق كـونـتـرول قـىـلـىـدۇ. جـىـددىـي ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، كۇنۇپكىنى باسسىلا، ئوق ئېتىلىپ چىقىپ، ئەتراپـنـى قورشىۋالغان باندىتلارغا بىر - بىرلەپ تېگىپ ئۇلارنى جېنىدىن جۇدا قىلىدۇ.